
بىرنى ئالسا بىرى سوۋغا قىلىنىدىكەن
دىرېكتور ياردەمچىسىنى ئەتكەن چاي ئەكىرىشكە بۇيرۇپتۇ ھەمدە:-ھازىر ئىشىك ئالدىدىكى ئەتكەن چايخانىدىن بىرنى سېتىۋالسا بىرنى سوۋغا قىلىدىكەن، سىزمۇ بىر قۇتا ئىچەمسىز؟ ـــ دەپ سوراپتۇ.
ياردەمچى خوشاللىقىدىن بېشىنى لىڭشىتىپتۇ ۋە ئىككى قۇتا ئەتكەن چاينى كۆتۈرۈپ كىرىپتۇ.
- نەچچە پۇلكەن؟-سوراپتۇ دىرېكتور.
- 15 كوي، راستىنلا بەك مۇۋاپىقكەن جۇمۇ.
دىرېكتور «ھە» دەپلا يانچۇقىدىن يەتتە كوي بەش مونى ئېلىپ ياردەمچىسىگە تۇتقۇزۇپ قويۇپتۇ.
تاماق بۇيرۇتۇش
بىرەيلەن نەنجىڭدىن شاڭخەيگە كاماندوروپكىغا چىقىپتۇ ۋە ياتاققا ئورۇنلىشىپلا قورسىقى ئاچقاندەك ھېس قىلىپ، تاماق بۇيرۇتۇپتۇ. ساقلا-ساقلا تاقىتى تاق بولۇپ تاماق يەتكۈزگۈچىگە تېلېفون ئۇرۇپ: - نېمانچە كېلىپ بولالمايسىز؟-دەپتۇ ھەمدە تۇرۇشلۇق ئورنىنى قايتا دەپ بېرىپتۇ.
تاماق يەتكۈزگۈچى ئىككىلىنىپ:- ئەپەندىم، تامىقىڭىزنى راستىنلا نەنجىڭدىن شاڭخەيگە يەتكۈزەمدىم؟-دەپتۇ.
پۇل ئوغرىلاش
شياۋمىڭ ئۆيدىن 10 كوي ئوغرىلاپ تاللا بازىرىغا چىققاندا، دادىسى بىلەن ئۇچرىشىپ قاپتۇ.
دادىسى شياۋمىڭنى قاتتىق ئەدەپلىۋەتكەندىن كېيىن:-پۇلنىڭ ھەممىسى تارتمىدا قۇلۇپلاقلىق تۇرسا، قانداق ئالدىڭ؟-دەپ سوراپتۇ.
- ئانامنىڭ ئاچقۇچنى چاماداننىڭ ئاستىغا قويغىنىنى كۆرۈۋالغانتىم.-دەپتۇ شياۋمىڭ ئۇۋالچىلىق تارتقاندەك.
ئەتىسى ئانىسى شياۋمىڭنى قاتتىق ئۇرۇپتۇ، شياۋمىڭ چۈشەندۈرەي دېگۈچە ئاپىسى:-يۈرىكىڭ ئەجەپ يوغىناپ كېتىپتۇيا سېنىڭ، بىر قېتىمدىلا 110 كوي ئوغرىلىغىدەك بولدۇڭما تېخى!-دەپتۇ.
ئىسمېنا يۆتكەش
لىڭلىڭ ئىزچىل كۈندۈزلۈك ئىسمېنىدا ئىشلەيتتى. نېمىشقىكىن تاڭ بۈگۈن باشلىق ئۇنى كېچىلىك ئىسمېنىغا ئورۇنلاشتۇرۇپ قويۇپتۇ.
-نېمىشقا مېنى كېچىگە ئورۇنلاشتۇردىڭىز؟-سوراپتۇ لىڭلىڭ باشلىقىدىن.
-ئەتە شىركەتنىڭ يۇقىرى قاتلىمىدىن باشلىق كېلىپ خىزمەت تەكشۈرىدۇ، شۇڭا كۈندۈزى چىرايلىق، قاملاشقانراق ئادەم ئىشلىمىسە بولمايدۇ.
ياڭراتقۇنىڭ ئۈنۈمى
شياۋلى يېڭى سېتىۋالغان داچىسىنىڭ لايىھەلىگۈچىسى بىلەن پاراڭلىشىپ:-مېھمانخانىدىكى ياڭراتقۇنىڭ ئۈنۈمىنى ياخشىراق قىلىڭ، ئەكس سادا ئېنىق ئېنىق ئاڭلانسۇن،- دەپتۇ.
لايىھەلىگۈچى بېشىنى لىڭشىتىپ تۇرۇپ:-خانىم، مۇزىكا ئاڭلاشنى ياقتۇرىدىكەنسىزدە؟-دەپ سوراپتۇ.
- ۋاي نەدىكىنى، پەقەت شۇ مېھمانخانىدا يولدىشىمدىن پۇل سورىسام، ئىككى قېتىم بېرىۋېتەمدىكىن دەيمەنغۇ.

ئىككى بالا
ئىككىيلەن شىركەتنىڭ بالكونىدا پاراڭلىشىپ ئولتۇراتتى. يېڭى كەلگەن ئايال خىزمەتچى چاچلىرىنى يەلپۈپ ئۇلارنىڭ يېنىدىن ئۆتۈپ كەتتى.
بىرسى ئۇنىڭدىن كۆزلىرىنى ئۈزمەي تۇرۇپ:-كاساپەت پەرىنىڭ ئۆزىلىكەنغۇ،-دېيىشىگە، يەنە بىرى:
-ئىككى بالىسى بار تۇرۇپ ... -دەپتۇ.
- ئۇ قىزنىڭ ئىككى بالىسى بار دەۋاتامسەن، ئۇنداق ئەمەستۇ.
- ھېي ئەخمەق، سېنى دەۋاتىمەن سېنى...
بالنىستتا يېتىش
تور رىياسەتچىسى تيەنتيەن بىر كۈنى ئاغرىپ دوختۇرخانىدا يېتىپ قاپتۇ. ئوكۇل ئۇرۇپ بولغاندىن كېيىن ئۇ دوختۇردىن:- كەچتە ئۆيدە ئارام ئېلىپ، ئەتە كەلسەم بولامدۇ؟- دەپ سوراپتۇ.
كىم بىلسۇن دوختۇر قەتئىي ئۇنىماپتۇ، تيەنتيەن دوختۇرغا يېپىشىپلىۋاپتۇ ھەمدە ئۆيگە كېتىمەن دەپ قۇلاق-مېڭىسىنى يەپتۇ. دوختۇر ئاخىرى ئامالسىزلىقتىن سىستېرانى چاقىرىپ:- تېزدىن بۇنىڭغا Wi-fi نىڭ مەخپىي نومۇرىنى دەپ بېرىڭچۇ! -دەپتۇ.
نېمە قىلغىلى بارىدۇ
جۈەنجۈەننىڭ ئېرى يامغۇرغىمۇ قارىماي سىرتقا چىقىمەن دەپ تۇرۇۋاپتۇ. جۈەن جۈەن:
- ھوي توختاڭ دەيمەن، شۇنچە قاتتىق يامغۇردىنمۇ يانماي بارامسىز؟-دەپ ۋارقىراپتۇ.
- مەن بىلەن جاپا تارتىپ يۈرمەسلىكىڭ ئۈچۈن ئاسماندىن پىچاق ياغسىمۇ بارىمەن.
بۇ گەپنى ئاڭلاپ قالغان قوشنىسى ھەيرانلىقتىن جۈەنجۈەندىن سوراپتۇ:
- ئېرىڭىز نەگە ماڭدى شۇنچىۋالا...
- نەگە باراتتى، لاتارىيە ئالغىلى...

ئۈچ چىشلەم بولسىلا بولدى
ئىنىسى ئاكىسىغا چوكا مۇز ئېلىپ بەر دەپ غەلۋە سالدى، ئاكىسى ئويلا-ئويلا ئاخىرى:
- بولىدۇ، بىراق مەن ئاۋال ئۈچ چىشلەم يەيمەن،-دېدى.
ئىنىسى ماقۇل بولدى. ئاكىسى چوكا مۇزنى ئېلىپ كەلدى، ئىنىسى «سەندىن كەلسۇن» دەپ ئاكىسىغا بەردى.
كىم بىلسۇن، ئاكىسى چوكا مۇزنى چوڭ-چوڭ ئىككى چىشلەپ يەپ تۈگەتتى ھەمدە:- يەنە بىر چىشلەم قەرز بولۇپ قالدىڭ جۇمۇ،-دېدى.