يېقىندا ئاپتوموبىل تورى مىتسۇبىشى L200 ئاپتوموبىلى (三菱L200)نىڭ بىر گۇرۇپپا رەسىمىگە ئېرىشكەن. رەسىمدىن قارىغاندا، ئىمپورت قىلىنغان مىتسۇبىشى L200 ئاپتوموبىلى گۇاڭجۇ ئاپتوموبىل گۇرۇھى مىتسۇبىشى (广汽三菱) شىركىتىنىڭ مەلۇم بىر تىجارەت زالىدا كۆرگەزمە قىلىنغان بولۇپ، پات ئارىدا بازارغا سېلىنىشى مۆلچەرلەنمەكتە. ئىلگىرى خەۋەر قىلىنىشىچە، بۇ ئاپتوموبىل بۇ يىل 11-ئايدا بازارغا سېلىنىدىغان بولۇپ، ئىمپورت قىلىنغان سانى 3500 دانە، سېتىلىش باھاسى 229 مىڭ 800 يۈەندىن 259 مىڭ 800 يۈەنگىچە بولىدىكەن. بۇ ئاپتوموبىلغان 2.4Tلىك دىزىل موتور سەپلەنگەن، ئالتە خوتلۇق قول ياكى ئاپتوماتىك سۈرئەت ئۆزگەرتكۈچ ماسلاشتۇرۇلغان، ئەلۋەتتە يەنە ئىككىنچى ئەۋلاد تۆت چاق سۆرەش سېستىمىسىمۇ سەپلەنگەن.

تاشقى كۆرۈنۈش جەھەتتە، بۇ مىتسۇبىشى L200 ئاپتوموبىلى چەتئەل نۇسخىسى بىلەن ئوخشاش لاھىيەنى ساقلىغان، ئومۇمىي ئۇسلۇبى بىر قەدەر ئۆزگىچە بولغان. ئالدى يۈزىگە ئايرىم-ئايرىم ھالدا Dynastamic Shield جەمەت شەكلىدە لايىھە قوللىنىلغان، ئوتتۇرا تور بىلەن بىخەتەرلىك لىمى X شەكىللىك ئۈنۈم ھاسىل قىلغان، باشقا پىكاپلار بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ھەرىكەت تۇيغۇسى تېخىمۇ كۈچلۈك.

ئاپتوموبىلنىڭ ئىچكى قىسمى چەتئەل نۇسخىسى بىلەن ئاساسەن ئوخشاش، ئۇسلۇبى تاشقى كۆرۈنۈشى بىلەن بىردەك بولۇپ، دالا پۇرىقىغا ئىگە. كۆپ ئىقتىدارلىق رول، ئوتتۇرا كونترول ئېكرانى سەپلەنگەن. ئۇنىڭدىن باشقا، توك بىلەن تەڭشەيدىغان ئارقىنى كۆرۈش ئەينىكى، ئاپتوموبىل گەۋدىسىنى مۇقىملاشتۇرۇش سىستېمىسى، ئاپتوماتىك ھاۋا تەڭشىگۈچ، رولنى قىزىتىش، ئورۇندۇقنى قىزىتىش قاتارلىق ئىقتىدارلار سەپلەنگەن، ئۇنىڭدىن باشقا، ئاپتوموبىلغا توقۇلما ئورۇندۇق ئىشلىتىلگەن.

ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ جەھەتتە، ئەمەلىي ئاپتوموبىل رەسىمىدىن بۇ ئاپتوموبىلغا دىزېل موتور ئورنىتىلغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ، مۆلچەرلىنىشىچە، 2.4Tلىق دىزېل موتور بولۇپ، ئەڭ چوڭ قۇۋۋىتى 133kW/ 3500 rpm، ئەڭ چوڭ بۇرۇلۇش مومېنتى 430Nm. ھەرىكەت ئۇزىتىش سىستېمىسىغا ئاپتوماتىك سۈرئەت ئۆزگەرتىش ساندۇقى سەپلەنگەن بولۇپ، مۆلچەرلىنىشىچە چەتئەل نۇسخىسىغا ئالتە خوتلۇق ئاپتوماتىك سۈرئەت ئۆزگەرتىش ساندۇقى سەپلىنىدىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا، بۇ ئاپتوموبىلغا يەنە ئىككىنچى ئەۋلاد ئالاھىدە تۆت قوزغىتىش سىستېمىسى سەپلەنگەن بولۇپ، بۇ سەپلىمىمۇ مىتسۇبىشى L200نىڭ جەۋھىرى ھېسابلىنىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا ئاپتوموبىلنىڭ دالىدا يۈرۈش ئىقتىدارىمۇ ناھايىتى كۈچلۈك.