
دىرېكتور قاسىمجاننى چوڭ يىغىندىلا ماختاپ كىتىپتۇ:
-قاسىمجان، سىز شىركىتىمىزدىكى ئەڭ چېچەن، ئەڭ پاكىزلىقنى سۆيىدىغان كىشى……
تۇيۇقسىز ماختاشتىن قاسىمجان سەل مەڭدەپ قالغان بولسىمۇ يەنە يانماي سوراپتۇ: دىرېكتور، سىز مېنىڭ پاكىزلىقنى ياقتۇردىغانلىقىمنى قانداق بىلدىڭىز؟
دىرېكتور دەپتۇ: -مەيلى سىزگە قانداق ئىشنى ھاۋالە قىلايلى ياكى ئورۇنلاشتۇرايلى سىز شۇ ئىشنى قىلمىغاننىڭ ئۈستىگە مەسئۇلىيەتنى پاكپاكىزلا باشقىلارغا ئارتىپ قۇيىسىز……
خەتكۈچلەر: يۇمۇر