تەۋسىيە
مەيلى يۇقۇملانغۇچىلار بولسۇن ياكى خەتەرلىك مۇناسىۋەت ئۆتكۈزگەنلەر بولسۇن، تەمكىنلىك ۋە ئىلمىيلىك كەم بولسا بولمايدىغان پوزىتسىيە.

سوئال: جىنسىي ھەمرايى سىفلىس بىلەن يۇقۇملانغان بولسا قانداق قىلىش كىرەك؟
جاۋاب: سىفلىس كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلىقى تەكشۈرۈپ چىقىلغان بارلىق بىمارلار ئۆزىنىڭ بارلىق جىنسىي ھەمراھلىرىغا ئۇقتۇرۇش قىلىپ، مۇناسىپ تەكشۈرۈش ۋە داۋالاش ئېلىپ بېرىش كېرەك.
بىرىنچى باسقۇچلۇق سىفلىس بىمارلىرى، ئۆزىنىڭ يېقىنقى ئۈچ ئاي ئىچىدىكى جىنسىي ھەمراھىغا ئۇقتۇرۇش كېرەك؛
ئىككىنچى باسقۇچلۇق سىفلىس، يېقىنقى ئالتە ئاي ئىچىدىكى جىنسىي ھەمراھىغا ئۇقتۇرۇش قىلىش كېرەك؛
دەسلەپكى مەزگىللىك يوشۇرۇن سىلفىستا، ئۆزىنىڭ يېقىنقى بىر يىل ئىچىدىكى جىنسىي ھەمراھلىرىغا ئۇقتۇرۇش قىلىش كېرەك؛
ئاخىرقى باسقۇچلۇق يوشۇرۇن سىفلىستا، ئۆزىنىڭ جورىسى ياكى ئۆتكەن بىر نەچچە يىلدىكى بارلىق جىنسىي ھەمراھلىرىغا ئۇقتۇرۇش كېرەك؛
ھامىلىدىن يۇقۇملىنىشتا، بالىنىڭ ئۆز ئانىسىنىڭ جىنسىي ھەمراھىنى تەكشۈرۈش كېرەك.
ئەگەر جىنسىي ھەمراھىنىڭ سېرولوگىيىلىك تەكشۈرۈش نەتىجىسى مۇسبەت بولسا، سىفلىسقا قارشى داۋالاشنى دەرھال باشلاش كېرەك.
ئەگەر مەنپىي بولسا، تۆت ھەپتىدىن كېيىن ھەر ئايدا قايتا تەكشۈرتۈپ، ئۇدا ئۈچ قېتىم تەكشۈرۈش تەۋسىيە قىلىنىدۇ. ئەگەر كېيىنكى زىيارەت داۋامىدا تەكشۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلالمىسا، دەرھال ئالدىنى ئېلىش خاراكتېرلىك سفلىسقا قارشى داۋالاش ئېلىپ بېرىش تەكلىپىنى بېرىمىز.
ئوخشاشلا، ئەگەر جىنسىي ھەمراھلار دەرھال سېرولوگىيىلىك تەكشۈرۈش ئېلىپ بارالمىسىمۇ، ئالدىنى ئېلىش خاراكتېرلىك سىفىلىسقا قارشى داۋالاش ئېلىپ بېرىش كېرەك.
دەسلەپكى مەزگىللىك سېفلىسنىڭ يۇقۇمچانلىقى كۈچلۈك بولغاچقا، ئۈچ ئاي ئىچىدە جىنسىي ئۇچرىشىش يۈز بەرگەن كىشىلەر سېرولوگىيىلىك تەكشۈرۈش نەتىجىسىنىڭ قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئالدىنى ئېلىش خاراكتېرلىك سىفىلىسقا تاقابىل تۇرۇش بويىچە داۋالاشنى ئويلىشىشى كېرەك.