ئەرلەر ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىمەن دەيدىكەن بۇ بەش ناچار ئادەتنى ئۆزگەرتىش كېرەك

  تەۋسىيە 

سوخۇ تورى خەۋىرى، دىېلشىفا تەرجىمىسى:

كۆپ قىسىم كىشىلەر ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشنى ناھايىتى ئارزۇ قىلىدۇ، ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىمەن دەيدىكەنسىز ساغلاملىقىڭىزنى ئاسراشنى بىلىشىڭىز، بىر قىسىم ناچار تۇرمۇش ئادەتلىرىڭىزنى ئۆزگەرتىشىڭىز كېرەك. ئەرلەر ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىمەن دەيدىكەن چوقۇم تۆۋەندىكىدەك بەش ناچار ئادەتلىرىنى ئۆزگەرتىش كېرەك.

دائىم كۆپ تاماق يېيىش

غىزالىنىش جەھەتتە تاماق مىقدارىنى كونترول قىلىش، كۆپ خىللىق غىزالىنىش، سۈپەتلىك غىزالىنىش بەكمۇ مۇھىم، خانىم-قىزلارغا سېلىشتۇرغاندا ئوغۇللار كۆپ تاماق يېيىشنى ياخشى كۆرىدۇ، لېكىن دائىم زىيادە كۆپ تاماق يېگەندە ئاسانلا ئىچكى ئەزالارغا تاش چۈشۈش، جىددىي خاراكتېرلىك ئاشقازان بېزى ياللۇغى، يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى، مېڭىگە قان چۈشۈش قاتارلىق كېسەللىكلەر پەيدا بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا دائىم كۆپ مىقداردا تاماق يېگەندە ئادەم ئاسانلا سەمىرىپ كېتىدۇ، سەمىرىپ كېتىش ئاسانلا يۇقىرى قان بېسىم، قاندا ماي بولۇش، ئاشقازان راكى قاتارلىق كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ئادەمنىڭ بەل ئايلانمىسى قانچە كەڭ بولسا ئۆمرى شۇنچە قىسقا بولىدۇ.

 

تاماكا چېكىش

تاماكا چېكىش بەزى ئوغۇللارغا ناھايىتى ئاقسا تۇيۇلىدۇ، لېكىن تاماكىنىڭ بەدەنگە بولغان زىيىنى ناھايىتى كۆپ، تاماكا چەككەندە راك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى ناھايىتى يۇقىرى بولىدۇ، تاماكا چېكىش ئۆپكىنى زەھەرلەپلا قالماستىن ئاشقازان، ئۈچەي، جىگەر، بۆرەك قاتارلىق ئىچكى ئەزالارنىمۇ زەھەرلەيدۇ. ئەرلەر ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىمەن دەيدىكەن تاماكىنى قانچە بۇرۇن تاشلىۋەتسە شۇنچە ياخشى.

ھاراق ئىچىش

خانىم-قىزلارغا قارىغاندا ئەرلەر كۆپ ھاراق ئىچىدۇ، ھاراق بىلەن ساغلاملىققا ئېرىشىش دېگەندەك گەپلەرنىڭ ھەممىسى يالغان، ئېسىڭىزدە بولسۇن ھاراق دۇنيا ئېتىراپ قىلغان بىرىنچى دەرىجىلىك راك پەيدا قىلغۇچى يېمەكلىك، ھاراق بەدەننى زەھەرلەپلا قالماستىن يەنە چوڭ مېڭىنىمۇ زەھەرلەيدۇ.

قەرەللىك ساغلاملىق تەكشۈرتۈشنى بىلمەسلىك

كۆپ قىسىم ئەرلەر بىپەرۋا كېلىدۇ، ئادەتتە %82 ئەر كىشى قەرەللىك شەخسىي ئورنىنى ئاسراپ تۇرىدىغان بولۇپ، لېكىن پەقەت %50 ئەرلەرلا قەرەللىك ساغلاملىق تەكشۈرۈشى قىلىدۇ، بۇنداق ئەھۋالدا چوڭ كېسەللىكلەر ۋاقتىدا ئاشكارىلانماي سالامەتلىككە تەسىر يېتىدۇ، ئەرلەر بولۇپمۇ ئوتتۇرا ياشلىق ئەرلەر چوقۇم بىر يىلدا بىر قېتىم تەكشۈرتۈش كېرەك.

ھەرىكەت قىلماي ئۇزۇن ئولتۇرۇش

ئۇزۇن ئولتۇرغاندا بەدەن ساپاسى بارغانسېرى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ، ھەر كۈنى مۇۋاپىق مىقداردا بەدەن چېنىقتۇرۇشنىڭ ساغلاملىققا بولغان پايدىسى ناھايىتى چوڭ، قەرەللىك بەدەن چېنىقتۇرۇش قان ئايلىنىشنى ياخشىلاپ، قان تومۇرلارنىڭ ساغلاملىقىنى قوغدايدۇ، شۇڭلاشقا ئەرلەر بىكار ۋاقىتلىرىدا كۆپ يول مېڭىش، ئاز-تولا ئۆي ئىشلىرىنى قىلىش، بەدەن چېنىقتۇرۇش ئۆيىگە بېرىش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن سالامەتلىكىنى ياخشىلاش كېرەك.

يۇقىرىدىكىلەردىن باشقا يەنە ئاپتاپتىن ساقلىنىشقا ئەھمىيەت بەرمەسلىك، تۇرمۇش بېسىمى زىيادە يۇقىرى بولۇش، گۆشنى كۆپ يېيىش، ناچار كەيپىياتنى چىقىرىشنى بىلمەسلىك ئوخشاشلا ئەرلەرنىڭ ئۆمرىنى قىسقارتىۋېتىدۇ، ئەرلەر ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىمەن دەيدىكەن چوقۇم يۇقىرىدا دېيىلگەن نۇقتىلارغا دىققەت قىلىش كېرەك.

发表评论

您的电子邮箱地址不会被公开。 必填项已用*标注