
9-ئاينىڭ 3-كۈنى «يۇلتۇز چەۋەندازى» كرىس پرات (Chris Pratt) باش رول ئالغان «ئەتىكى جەڭ» (明日之战) ناملىق فانتازىيەلىك ھەرىكەتلىك كىنو دۆلىتىمىزدە رەسمىي قويۇلدى، كىنو ۋەقەلىكى ۋە جىددىي، ھاياجانلىق كەيپىياتلار بىر مەھەل توردا قىزغىن مۇنازىرە قوزغىدى.

«ئەتىكى جەڭ»دىكى ئىنسانلار بىلەن غەلىتە مەخلۇقلارنىڭ يەر شارىدىكى بىر مەيدان جېڭى نۇرغۇن تاماشىبىنلارنى جەلپ قىلدى. غەلىتە مەخلۇقلار كىنوسىنى ياخشى كۆرىدىغان كىنو مەستانىلىرى ئۈچۈن ئېيتقاندا، «ئەتىكى جەڭ» قولدىن بېرىپ قويۇشقا بولمايدىغان كىنو.

«ئەتىكى جەڭ» قويۇلغان تۇنجى كۈنى بىردەك ياخشى باھالارغا ئېرىشتى. بەزى تورداشلار باھا بېرىپ مۇنداق دېدى: «يۇلتۇز چەۋەندازى + غەلىتە مەخلۇق ۋە كىنو ۋەقەلىكىدىن بەكلا ھاياجانلاندىم.»
«جەڭچىلەرنىڭ غەلىتە مەخلۇقلارغا قارشى تۇرغان كۆرۈنۈشىدىن ھاسىل بولغان جىددىيلىك تۇيغۇسىدىن پۇخادىن چىققاندەك بولدۇم.»
«ۋەقەلىكى ئادەمنى جەلپ قىلىدىكەن، كىنودىكى قېرىنداشلىق مېھرى قەلىبلەرنى لەرزىگە سالىدىكەن.»
«<ئەتىكى جەڭ> مۇتلەق قولدىن بېرىپ قويۇشقا بولمايدىغان نادىر كىنو.»

بۇ كىنوغا كرىس ماككاي (Chris McKay) رېژىسسورلۇق قىلغان، كىنودا 2051-يىلىدىكى كىشىلەرنىڭ زاماندىن ھالقىپ 2022-يىلغا كەلگەنلىكى ۋە كىشىلەرگە 29 يىلدىن كېيىنكى ئىنسانلارنىڭ غەلىتە مەخلۇقلار بىلەن جەڭ قىلىپ مەغلۇپ بولغانلىقىنى، شۇڭا ئۆزلىرىگە ياردەم بېرىشنى ئۆتۈنگەنلىكى، 2022-يىللاردىكى دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ بىرلىشىپ، زامان-ماكان يەتكۈزۈش قۇرۇلمىسى ئارقىلىق ياردەم تەلەپ قىلغۇچىلارغا ياردەم بېرىپ كەلگۈسىدىكى ئىنسانلارنى قۇتقۇزغانلىقى بايان قىلىنغان.

ئەڭ دەسلەپكى جىددىي، كىشىنى ھاياجانغا سالىدىغان ئادەم-مەخلۇقلار ئۇرۇشىدىن تارتىپ، ئەڭ ئاخىرىدا مۇھىت ئاسراش مەسىلىسى ئۈستىدە مۇزاكىرە قىلىپ ئويلىنىشقىچە، «ئەتىكى جەڭ»نىڭ ۋەقەلىكىنى يامان ئەمەس دېيىشكە بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، قېرىنداشلىق مېھرىنىڭ ئەكس ئەتتۈرۈلۈشىمۇ كىنو ۋەقەلىكىنى تېخىمۇ بېيىتقان.

مەيلى ئالاھىدە ئۈنۈم جەھەتتە بولسۇن، مەيلى ۋەقەلىكى جەھەتتە بولسۇن، «ئەتىكى جەڭ»نى يۇقىرى سەۋىيەدە ئىشلەنگەن دېيىشكە بولىدۇ. ئەگەر سىزمۇ خەتەرلىك، كىشىنى ھاياجانغا سالىدىغان غەلىتە مەخلۇق تېمىسىدىكى كىنولارنى ياخشى كۆرسىڭىز، ئۇنداقتا بۇ كىنونى ھەرگىز قولدىن بېرىپ قويماڭ!
