
شاھرۇھ خان (ShahRukh Khan) داڭلىق رېژىسسور ئاتلې كۇمار (Atlee Kumar) بىلەن ھەمكارلاشقان بولۇپ، بۇ دەرىجىدىن تاشقىرى گىگانت چولپان پات ئارىدا چوڭ ئېكرانغا قايتىپ كېلىدۇ، شۇڭا ئۇنىڭ مەستانىلىرى ئىنتايىن ھاياجانلانغان ھالدا بۇ كىنوغا مۇناسىۋەتلىك تەپسىلاتلارغا قىزىقماقتا.
خەۋەردار ئەربابلارنىڭ ئاشكارىلىشىچە، بۇ كىنونى سۈرەتكە ئېلىش خىزمىتى پۇنادا قانات يايدۇرۇلىدىكەن.

بەزى خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، شاھرۇھ خان بۇ كىنودا قوش رول ئالىدىكەن ھەمدە دادىسى بىلەن ئوغلىنىڭ رولىنى تەڭ ئالىدىكەن. جەنۇبىي ھىندىستان ئايال ئارتىسى نايانتارا (Nayanthara)مۇ بۇ كىنودا باش رول ئالىدىكەن.
بۇ ئايال ئارتىس ناھايىتى تېزلا بۇ تۈرنى سۈرەتكە ئېلىشنى باشلايدۇ، نايانتارا ئىلگىرى «پۇتبول شاھى بىگىل» (Bigil) ناملىق كىنودا رېژىسسور ئاتلې بىلەن ھەمكارلاشقان.