
پرىيانكا چوپرا بىلەن نىك جوناس تاماشا ساھەسىدىكى ئەڭ ئالدىراش بىر جۈپلەر، بۇ بىر جۈپلەر ھەر دائىم مەستانىلەرنى ناھايىتى ھەيران قالدۇرىدۇ، ئۇلار يېقىندا «تەلۋىلىك»نىڭ ئۇچىغا چىقتى!

يېقىندا پرىيانكا چوپرا ئىجتىمائىي ئالاقە تورىدا غەلىتە بىر مەزمۇن يوللىغان، سۈرەتتە پرىيانكا چوپرا دېڭىز ساھىلىدا ئۈستىگە قارا ۋە قىزىل رەڭلىك بىكىنى كىيىپ ئىللىق ئاپتاپتىن ھۇزۇرلىنىۋاتاتتى،

سۈرەتتە پرىيانكا چوپرانىڭ يولدىشى نىك جوناس قولىغا ۋىلكا ۋە پىچاق ئېلىپ پرىيانكانىڭ تولغان ساغرىسى ئۈستىگە قويغان، پرىيانكا يازمىدا قىزىقارلىق قىلىپ: «ئۇششاق-چۈششەك يېمەكلىك» دەپ ۋىلكا ۋە پىچاقلارنىڭ بەلگىسىنى قوشۇپ قويغان، نىك جوناس يازمىسىدا «مۇكەممەل يەكشەنبە» دەپ يازغان.

سۈرەتلەر تارقالغاندىن كېيىن نۇرغۇن تورداشلار بۇ بىر جۈپلەرنىڭ بۇ «تەلۋىلىك»ىدىن كۈلىشىپ كەتكەن، يەنە بەزىبىر قىسىم تورداشلار نىك جوناس بىلەن پرىيانكا چوپرانىڭ ھازىر تارقىتىۋاتقان «ھىندىستان مەدەنىيىتى» ۋە ئۇنىڭ ھەممەيلەنگە يىتەرلىك بولمىغان «تامىقى»غا كۆڭۈپ بۆلۈشنىڭ قىلچىلىك ھاجىتى يوق دېگەن.

نىك جوناس بىلەن پرىيانكانىڭ خىزمىتى ناھايىتى ئالدىراش، پرىيانكا ھازىر ئەنگلىيەدە سۈرەتكە ئېلىشقا قاتنىشىۋاتقان، لېكىن ئالدىنقى ھەپتە سۈرەتكە ئېلىش جەريانىدا يىنىك يارىلاندى، نىك جوناس ئۆزىنىڭ ناخشا كېچىلىكى ئۆتكۈزۈش ئىشلىرى بىلەن ئالدىراش، جىددىي تەييارلىق قىلىۋاتىدۇ.