ئامېرىكا تىياتىرى «ئايال شاھمات شاھى» نۇرلىۋودقا يېتىپ كەلدى!

نۇرداشلار ياخشى تۇردۇڭلارمۇ؟ بۈگۈن ھۇزۇرۇڭلارغا گۆدەك بىر قىزنىڭ «سىرلىق دورا» ۋە ئۆز قىزىقىشى ئوتتۇرىسىدا قىينىلىپ ھەمدە نۇرغۇن ئەگرى-توقايلىقلارنى يېڭىپ ئۆز ئارزۇسىنى قوغلاشقانلىقىدەك مەزمۇن بايان قىلىنغان، نامى يىراق-يېقىنغا تارالغان ئامېرىكا تىياتىرى «ئايال شاھمات شاھى»نى سۇندۇق!

مېنى بېسىپلا كۆرۈڭ

بۇ تىياتىر 2020-يىلى قويۇلغان، سكوت فرانك (Scott Frank) رېژىسسورلۇق قىلغان ۋە ئەنيا تايلور جوي (Anya Taylor-Joy) باش رول ئالغان ئامېرىكا تىياتىرى. بۇ تىياتىر 20-ئەسىرنىڭ 50-يىللىرىنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلغان، قويۇلۇپلا ئىنتايىن ياخشى باھالارغا ئېرىشكەن.

مېنى بېسىپلا كۆرۈڭ

تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن قاتناش ھادىسىسى تۈپەيلى بىردىنبىر يۆلەنچۈكى بولغان ئانىسىدىن ئايرىلىپ قالغان كىچىك قىزچاق بېس ھارمون دارىلئېتامغا ئاپىرىۋېتىلىدۇ. بۇ دارىلئېتامدىكىلەر بالىلارغا ھەركۈنى بىرخىل سىرلىق دورا بېرىدىغان بولۇپ، بۇ يەردىكى بالىلار ئاستا-ئاستا بۇ دورىغا خۇمار بولۇشقا باشلايدۇ.

مېنى بېسىپلا كۆرۈڭ

بىر كۈنى بۇ گۆدەك قىز تاسادىپىي پۇرسەتتە دارىلئېتامدىكى بىرەيلەننىڭ ئۆزى يالغۇز شاھمات ئويناۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ قالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن تەبىئىي تالانتقا ئىگە بۇ قىزچاق شاھماتقا قىزىقىپ قالىدۇ، ئۇ ئەردىن ئۆزىگە ئۆگىتىپ قويۇشىنى تەلەپ قىلىدۇ، ئەمما ئۇ ئەرنىڭ سوغۇق مۇئامىلىسىگە ئۇچرايدۇ. بىراق ئۇ ۋاز كەچمەيدۇ ۋە ئاخىرى ئۇنى قايىل قىلىدۇ. شۇنداق قىلىپ بېس ھارمون بارا-بارا تالانتىنى جارى قىلدۇرۇپ، شاھماتقا بۇ ئەردىنمۇ ئۇستا بولۇپ كېتىدۇ.

ھېلىقى دورىنىڭ تەسىرىدە ئۇنىڭدا ھەركۈنى خىيالىي تۇيغۇ پەيدا بولىدۇ، ئەمما ئۇ خىيالىدىمۇ شاھمات ئوينايدۇ. شاھماتقا ئوتتەك ئىشتىياق باغلىغان بۇ قىز ئوغرىلىقچە دورىنى كۆپ يەۋېلىپ يىقىلىپمۇ قالىدۇ.

كېيىن بىر جۈپ ئەر-ئايال ئۇنى بېقىۋالىدۇ، بېس ھارمون بۇنىڭدىن تولىمۇ خۇشال بولىدۇ، ئەمما بۇ ئائىلە ئويلىغىنىدەك بەختلىك ئەمەس، ئۆگەي دادىسى ئايالىغا سوغۇق مۇئامىلە قىلىدۇ ھەمدە ئۆگەي ئانىسى بىرقەدەر تەلەپچان، ئۇنى پىئانىنو ئۆگىنىشكە مەجبۇرلايدۇ. ئۆمرىدە تۇنجى قېتىم مەكتەپ دېگەن جايغا بارغان بېس ساۋاقداشلىرىنىڭ «مەتو» دەپ مازاق قىلىشىغا ئۇچرايدۇ، شاھماتقا بولغان ئوتتەك ئىشتىياقى تۈپەيلى بۇ ئائىلە، بۇ جاي ئۇنىڭغا تولىمۇ مەنىسىز تۇيۇلىدۇ.

مېنى بېسىپلا كۆرۈڭ

بىر كۈنى ئۇ تۇيۇقسىز ئۆزى ئىلگىرى دائىم يەيدىغان ھېلىقى «سىرلىق» دورىنى بايقاپ قالىدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇ دورا ئۇنىڭ ئۆگەي ئاپىسى پات-پات يەيدىغان تىنچلاندۇرۇش دورىسىنىڭ دەل ئۆزى، ئۇ قايتىدىن ھاياتلىققا ئېرىشكەندەك خۇشال بولۇپ كېتىدۇ ۋە بۇرۇنقىدەك ھەركۈنى كەچتە كۆرىدىغان شاھمات چۈشىنى باشلايدۇ. شۇ كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۇ گېزىتتىن شاھمات مۇسابىقىسى توغرىسىدىكى خەۋەرنى كۆرۈپ قالىدۇ، ئۇ قاتناشماقچى بولغاندا ئۆگەي ئاپىسى ئانچە ئېرەن قىلىپ كەتمەيدۇ، ئەمما ئۇ مۇسابىقىگە قاتنىشىدۇ ۋە ئۇتۇپ چىقىپ كېيىنكى قېتىملىق مۇسابىقىگە قاتنىشىش ھوقۇقىغا ئېرىشىدۇ. شۇنداق قىلىپ ئەمدىلا 13 ياشقا كىرگەن بۇ قىزچاق شاھمات بىلەن بىر جان بىر تەنگە ئايلىنىپ، ئۆزى ۋە ئەتراپىدىكىلەرنىڭ تەقدىرىنى ئۆزگەرتىدۇ…

مېنى بېسىپلا كۆرۈڭ

«ئايال شاھمات شاھى» تالانت ئىگىسىنىڭ قانچىلىك بەدەل تۆلەيدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرگەن، تىياتىردىكى بېس ئۆزىنى شاھماتقا ئاتىغان ۋە ئەرلەرلا يېتەكچىلىك قىلىپ كەلگەن شاھمات ساھەسىنى ئۆزگەرتىشنى نىشانلايدۇ... تىياتىرنىڭ ۋەقەلىكى كىشىگە يېڭىچە تۇيغۇ ئاتا قىلىدۇ، ۋەقەلىك تىياتىرلىرىنى كۆرۈشنى ياقتۇرىدىغان تورداشلار بۇ تىياتىرنى چوقۇم ياقتۇرۇپ قالىدۇ، ئۇنداقتا تىياتىرنى كۆرۈشنى باشلاپ كەتتۇق!

发布日期:
分类:تاماشا

发表评论

您的电子邮箱地址不会被公开。 必填项已用*标注