

تاراتقۇلارنىڭ ئاشكارىلىشىچە، بېنتلېي Mulliner Bacalar چەكلىك نۇسخىسى بۇ يىللىق يۇمىلاق تاش ساھىلى ئاپتوموبىل كۆرگەزمىسىدە تۇنجى قېتىم كۆرگەزمە قىلىنغان. يېڭى ئاپتوموبىل چەكلىك مىقداردا 12 دانلا ئىشلەپچىقىرىلغان بولۇپ، 2020-يىلىنىڭ بېشىدىلا ئالدىن سېتىلىپ بولغان.

بۇ قېتىم كۆرگەزمە قىلىنغان Mulliner Bacalar تىپلىق ئاپتوموبىلغا يېشىل ۋە سېرىق رەڭلىك سىر ئىشلىتىلگەن بولۇپ، كۆركەملىك ۋە ھەشەمەتلىك تۇيغۇسى ئىنتايىن كۈچلۈك. يېڭى ئاپتوموبىل گەۋدىسىنىڭ يان تەرىپىگە «0-نومۇرلۇق ئەسلىي تىپلىق ئاپتوموبىل» دېگەن ئىنگلىزچە خەت ئويۇلغان بولۇپ، ئۇنىڭ چەكلىك مىقداردىكى سالاھىيىتىنى تولۇق نامايان قىلغان.


بېنتلېي Mulliner Bacalar ئاپتوموبىلى ئۈستى ئوچۇق قىلىپ لايىھەلەنگەن بولۇپ، بەل سىزىقلىرى ناھايىتى زىلۋا ھەم رەتلىك. بۇنىڭدىن باشقا، يېڭى ئاپتوموبىلغا گۈل بەرگى شەكىللىك 22 دىيۇملۇق چاق بۇلى سەپلەنگەن بولۇپ، ئاپتوموبىلنىڭ ھەشەمەتلىكى ۋە مودا قىياپىتىنى يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرگەن.

بېنتلېي Mulliner Bacalarنىڭ ئىچكى بېزىكى بېنتلېي جەمەت شەكلىدىكى لايىھەلەش ئۇسلۇبىنى داۋاملاشتۇرغان بولۇپ، ھەشەملىك ۋە ئازادىلىكنى بىرىنچى ئورۇنغا قويغان. مەركىزىي كونترول رايونىغا نۇرغۇن فىزىكىلىق كۇنۇپكىلار قوللىنىلغان. قارا ۋە سېرىق قوش رەڭنىڭ بىرىكىشى ئاپتوموبىلنىڭ سىپورت تۇيغۇسىنى كۈچەيتكەن.

ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ جەھەتتە، يېڭى ئاپتوموبىلغا 6.0T قوش تۇربىنىلىق بېسىم ئاشۇرغۇچى W12 تىپلىق موتور سەپلەنگەن بولۇپ، ئەڭ چوڭ قۇۋۋىتى 659 ئات كۈچىگە يېتىدۇ ھەمدە سەككىز خوتلۇق قوش مۇفتىلىق تېزلىك ئۆزگەرتكۈچ ماسلاشتۇرۇلغان.