ۋارقىراپ-جارقىرىما (يۇمۇر)

ۋارقىراپ-جارقىرىما

شياۋلى ھۇجرىسىنى تازىلاۋاتاتتى، بەش ياشلىق ئوغلى ئىشىك سىرتىدا تۇرۇپ «ئانا» دەپ ۋارقىرىدى.

شياۋلى سەۋرچانلىق بىلەن ئوغلىغا:-سىرتتا تۇرۇۋىلىپ ۋارقىراپ-جارقىرىساڭ ئەدەپسىزلىك بولىدۇ!-دېدى.

ئەمما ئوغلى گەپ ئاڭلىماي داۋاملىق ۋارقىراۋەردى.

-ماڭا گېپىڭ بولسا ھېچ بولمىغاندا يېنىمغا كېلىشىڭ كېرەك!

بۇ قېتىم ئوغلى مېھمانخانا ئۆيدىن يۈگۈرۈپ چىقىپ يۇۋاشلىق بىلەن:-ئانا، ئايىغىمنىڭ چەمىگە ئىت پوقى چاپلىشىپ قاپتۇ.-دېدى.

نەس بېسىش

بۈگۈن قار مەلىكە بىلەن شاھزادىنىڭ توي خاتىرە كۈنى ئىدى، شاھزادە بىر سوۋغاتنى چىقىرىپ مەلىكىگە مۇنداق دەپتۇ:

-قەدىرلىكىم، بۇ ھازىر ئەڭ مودا بولۇۋاتقان ئېلېكتىرونلۇق مەھسۇلات، نۇرغۇن كىشى بۇنى ئاجايىپ ياخشى كۆرىدۇ.

مەلىكە سوۋغاتنى ئېچىپ بىر قاراپلا شاھزادىنىڭ يۈزىگە ئاتتى. ئۇ بىر قولىدا بېلىنى تىرەپ، بىر قولى بىلەن بىر پارچىسى كەم بولۇپ قالغان بەلگىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ ئويلىمىغان يەردىن ئاغزىنى بۇزدى:

-بۇ نېمە قىلغىنىڭىز؟ ئەينى يىلى ئالما گېلىمغا تۇرۇپ ئۆلگىلى تاس قالغىنىمنى بىلمەمسىز؟

ئويلىمىغان يەردىن

شياۋجىن ئاپتۇبۇستا ئېھتىياتسىزلىقتىن بىر قىزنىڭ ئۇزۇن كۆينىكىگە دەسسىۋالدى. ئۇ دەرھاللا كەچۈرۈم سورىۋىدى، ئەمما قىز بولدى قىلمىدى:

-بۇ كۆڭلىكىم 500 يۈەن، مەينەت بولۇپ كەتسە تۆلەپ بېرەلەمسىز؟

شياۋجىن ئاچچىقتىن يېرىلغۇدەك بولۇپ، ھەميانىدىن پۇل چىقىرىپ قىزنىڭ بېشىغا ئاتتى:

-500 يۈەن شۇنداققۇ؟ مانا پۇل! ھازىرلا كۆينىكىڭىزنى سېلىپ بېرىڭ!

ئويلىمىغان يەردىن قىز راستىنلا كۆينەكنى سېلىپ بەردى، كۆڭلىكىنىڭ ئىچىگە پادىچىلار ئىشتىنى كىيىۋاپتىكەن ئەمەسمۇ. ئاپتوبۇس بېكەتكە كەلگەندىن كېيىن، شياۋجىن ئۇ قىزنىڭ تېلېفوندا قىلغان پارىڭىنى ئاڭلىدى:

-كۆينەكنى سېتىۋەتتىم...

发布日期:
分类:يۇمۇر

发表评论

您的电子邮箱地址不会被公开。 必填项已用*标注