بويتاقلىقنىڭ سەۋەبى

بويتاقلىقنىڭ سەۋەبى

بىر ئەر بىر ئۆمۈر توي قىلماپتۇ، ئۇ 90 ياشقا كىرگەندە بىرەيلەن ئۇنىڭدىن سوراپتۇ:

-سىز بىر ئۆمۈر توي قىلمىدىڭىز، ئەمما ئەزەلدىن بىرەر سەۋەبنىمۇ دەپ باقمىدىڭىز. ئەگەر كىشىگە دېگىلى بولمايدىغان بىرەر سىر بولسا ئەمدى دەۋەتسىڭىز بولار، چۈنكى يېشىڭىزمۇ چوڭىيىپ قالدى، مەخپىيەتلىكىڭىزنى بىلىۋالغان تەقدىردىمۇ، سىزگە نېمە تەسىرى بولاتتى.

-شۇنداق،-دەپتۇ بوۋاي،-ھەقىقەتەن بىر مەخپىيەتلىكىم بار. بىر ئۆمۈر بويتاق ئۆتۈشۈم ھەرگىزمۇ توي تۇرمۇشىغا قارشى ئىكەنلىكىمنى بىلدۈرمەيدۇ، بەلكى ئىزچىل بىر مۇكەممەل ئايالنى ئىزدەۋاتىمەن، تاكى ئۆمرۈمنىڭ ئاخىرىغىچە ئىزدەيمەن.

ھېلىقى ئادەم داۋاملىق سوراپتۇ:-دۇنيا ناھايىتى كەڭ، ئادەملەرمۇ ناھايىتى كۆپ، ئۇلارنىڭ يېرىمى ئايال، نېمىشقا ھازىرغىچە مۇكەممەل ئايالنى تاپالمايسىز؟

بىر پۇتى گۆرگە ساڭگىلاپ قالغان بوۋاينىڭ كۆزىدىن بىر تامچە ياش سىرغىپ چۈشۈپتۇ:-شۇنداق، ھەقىقەتەن بىرنى تاپتىم.

-ئەمىسە ئاخىرى قانداق بولدى؟ نېمىشقا توي قىلمىدىڭىز؟

-ئۇ ئايالمۇ مۇكەممەل ئەر ئىزدەۋېتىپتۇ.-دېدى بوۋاي.

发布日期:
分类:يۇمۇر

发表评论

您的电子邮箱地址不会被公开。 必填项已用*标注