يېقىندا ئاپتوموبىل تورى تاراتقۇلاردىن ئەڭ يېڭى پورسچى 911 GT3RS ئاپتوموبىل تىپى (保时捷911 GT3 RS)نىڭ بىر گۇرۇپپا يول سىنىقى سۈرىتىگە ئېرىشكەن، خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، يېڭى ئاپتوموبىل 2022-يىلى نامايان بولىدىكەن. بۇنىڭدىن ئىلگىرى مۇبالىغە قىلىنغان كەينى قانىتى بار 911 GT3 RSنىڭ يولدا سىناق قىلىنىشى نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتقان، بۇ قېتىم تاراتقۇلار مۇسابىقە يولىنىڭ ئەتراپىدا يەنە ئايرودىنامىكىسى يۈرۈشلۈك زاپچاسلىرىغا مۇناسىۋەتلىك تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتلارنى سۈرەتكە تارتتى، شۇڭا بۇ ئاپتوموبىلغا ئايرودىنامىكىسى يۈرۈشلۈك دېتالى سەپلىنىشى مۇمكىن.

سۈرەتتىن شۇنى كۆرۈۋالالايمىزكى، بۇ قېتىم سۈرەتكە ئېلىنغان يولدا سىناق قىلىنغان ئاپتوموبىلدا تېخىمۇ كۆپ ئالدى قىسىم ئايرودىنامىكىلىق لايىھە تەپسىلاتى بار. بۇنىڭ ئىچىدە، ئالدى بۆلمە قاپقىقىغا جايلاشقان شامال ئېغىزى كۆپ ياپراقلىق قۇرۇلمىغا ئىگە، ئالدى قانات تاختىسىغىمۇ ناھايىتى مۇرەككەپ ئايرودىنامىكا يۈرۈشلۈك دېتالى سەپلەنگەن. ئەڭ يۇقىرى ئىقتىدارنى يۆنىلىش قىلغان بىر ئاپتوموبىل تىپىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئايرودىنامىكىنى ئەلالاشتۇرۇش ئەڭ مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ.

پورسچىنىڭ كۆپ يىللىق ئاكتىپ ئايرودىنامىكا سىستېمىسى (PAA)نىڭ ئومۇملىشىش ئەھۋالىدىن قارىغاندا، بۇ يول سىنىقى باسقۇچىدا تۇرۇۋاتقان 911 GT3 RSغا ئاكتىپ ئايرودىنامىكا سىستېمىسى سەپلىنىشى مۇمكىن.

ئۇنىڭدىن باشقا، بۇ قېتىم تارتىلغان سۈرەتتىن قارىغاندا، بۇ ئاپتوموبىلنىڭ كەينىدىكى چوڭ قۇيرۇق قانىتىمۇ ئاكتىپ تەڭشەش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇشى مۇمكىن، بۇ نۇقتىنى قانات يۈزىدىكى بىر-ئىككى نۇقتىدىن كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. ئاكتىپ قۇيرۇق قانىتى، گورىزونتال قارشىلىق كۈچىنى ئازايتىدۇ ھەمدە ئېھتىياجلىق بولغاندا ئاپتوموبىلنىڭ قارشىلىق كۈچى ياكى تۆۋەن بېسىم كۈچىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئاشۇرىدۇ.
ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ جەھەتتە، تەتقىق قىلىپ ياسىلىۋاتقان 911 GT3 RSغا ئەڭ چوڭ قۇۋۋىتى 410 كىلوۋات / 550 ئات كۈچى بولغان 4.0 لىتىرلىق تەبىئىي گاز سۈمۈرىدىغان موتور سەپلىنىشى، ھەرىكەت ئۇزىتىش سىستېمىسىغا يەتتە خوتلۇق PDK سۈرئەت ئۆزگەرتكۈچ ماسلاشتۇرۇلۇشى مۇمكىن.