2021-يىللىق فىلىم ھەققى ئەڭ يۇقىرى 8 بوللىۋود ئەر چولپانلىرى

رومانتىكىلىققا تولۇپ تاشقان بوللىۋودمۇ يەنىلا ئۇلارنىڭ مەبلىغى يەنى كىنودىن پايدا ئېلىشنى ئويلايدىغان چوڭ تىپتىكى كەسىپ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئالدىنقى قاتاردىكى ئەر ئارتىسلارنىڭ بوللىۋودتىكى كىرىمى ناھايىتى يۇقىرى، بۇ ئارتىسلار ھەقىقىي تالانت ئىگىلىرى دەپ ئاتاشقا مۇناسىپ، ئەر ئارتىسلارنىڭ كىرىمى 150 مىليون رۇپىيەدىن بىر مىليارد 350 مىليون رۇپىيەگە يېتىدۇ.
تۆۋەندە 2021-يىللىق فىلىم ھەققى ئەڭ يۇقىرى سەككىز بوللىۋود ئەر چولپانلىرى كۆرۈپ چىقايلى:

1. سالمان خان

سالمان خاننى كۆپىنچە مەستانىلەر يېقىملىق قىلىپ ساللۇ باي دەپ ئاتاشقا ئادەتلەنگەن، كۆپ يىللاردىن بۇيان قولغا كەلتۈرگەن مۇۋەپپەقىيىتىنى كۆزدە تۇتۇپ ئۇنى پۇل سۈمۈرۈش ماشىنىسى دەپ ئاتاشقا بولىدۇ. ئۇنىڭ «تۇتۇش بۇيرىقى 2» (Radhe)دە ئالغان فىلىم ھەققى 750-700 مىليون رۇپىيەگە يەتكەن، ئۇنىڭدىن باشقا كىنو كىرىمىنىڭ بىر قىسمىمۇ بار.

2. ئامىر خان

بوللىۋودنىڭ ئۆزىگە خاس مۇكەممەللىك ئەپەندىسى كىنو ساھەسىگە ئۆزىنى بېغىشلىغانلىقى بىلەن داڭلىق. ئامىر خان كىنو شىركىتى ئامىر خاننىڭ ھەر بىر كىنوغا ئۆزىنى بېغىشلاش روھىنىڭ ھەققىنى تۆۋەن باھادا 800-750 مىليون رۇپىيە بولىدىغانلىقىنى قارار قىلغان.

3. رىتىك روشان

بوللىۋودنىڭ كېلىشكەن چولپىنى رىتىك روشاننىڭ ھەر بىر ئالغان رولى ئۈچۈن ياخشى مائاش ئېلىپ كەلگەن. ئېنىق قىلىپ ئېيتقاندا ھەر بىر كىنوغا 650-500 مىليون رۇپىيەگىچە ھەق ئالىدۇ، فىلىم ھەققى ئاڭلاشقا يېتەرلىك «كېلىشكەن»دەك قىلامدۇ؟

4. ئاكشاي كۇمار
2020-يىلغىچە ئاكشاي ئەپەندى بىر كىنو ئۈچۈن بىر مىليارد رۇپىيەدىن يۇقىرى ھەق ئېلىپ كېلىۋاتقان ئىدى. قانداقلا بولمىسۇن 2021-يىلى ئۇ توختامنى ھەر بىر كىنودا ئەخمەقلەرچە بىر مىليارد 350 رۇپىيەگە يۇقىرىلىتىشنى قارار قىلدى. بوللىۋودتىكى كىرىمى ئەڭ يۇقىرى داڭلىق شەخسكە كەلسەك ئەلۋەتتە يېقىندا «BellBottom»دا رول ئالغان ئاكشاي كۇمار ھۆكۈمرانلىق قىلىدۇ.

5. رانبىر كاپۇر
بۇ تالانتلىق ئارتىس يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇزۇندىن بۇيان تەقەززا بولۇپ كېلىۋاتقان كىنو «Brahmastra»نىڭ خىزمىتى ئۈچۈن ناھايىتى ئالدىراش بولۇپ كېتىۋاتىدۇ، لېكىن رانبىر يەنىلا ھەر بىر كىنودىن 250 مىليون رۇپىيەلىك يۇقىرى ھەق ئالىدۇ.

6. رانۋېر سىڭ

گەرچە ئۇنىڭ مەستانىلىرى رانۋېرنى مەبۇد ياكى ئەخمەق ئىكەنلىكىنى مۇھاكىمە قىلىش بىلەن ئالدىراش بولسىمۇ، لېكىن رانۋېر سىڭنىڭ ھەر بىر كىنودىكى كىرىمى 450-400 مىليون رۇپىيە ئەتراپىدا، مەستانىلەرنىڭ رانۋېر توغرىسىدا مۇلاھىزىنىڭ كۆپىيىپ قېلىشتىكى سەۋەپ ئۇ تېخى يەنە يۇقۇمنىڭ كىنوچىلىققا بولغان تەسىرى تۈپەيلىدىن ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن ئىش ھەققىنى كېمەيتكەن.

7. ئاجەي دېۋگان

بوللىۋودنىڭ ھەرىكەت كىنو قەھرىمانى سالاپەتكە كەلگەندە ھەرگىز ئۇتتۇرمايدۇ، ئۇ قاتناشقان ھەر بىر كىنو ئۈچۈن ئارانلا

300-500 مىليون رۇپىيە ھەق ئالىدۇ. ئۇنىڭ يېقىندا باش رول ئالغان كىنوسى «ھىندىستان پەخرى» (Bhuj: The Pride Of India) قويۇلىۋاتىدۇ.

8. شاھرۇھ خان

بۇرۇن «پادىشاھ خان»نىڭ كىنو ساھەسىدە بەھرىمەن بولىدىغان سودا كونتروللۇقى ۋە ئۈلۈشىدىن باشقا چولپانلارنىڭ ئېشىپ كېتىشنى ھېچكىممۇ تەسەۋۋۇر قىلالمايتتى ھەمدە ئېشىپ كېتەلمەيتتى. قانداقلا بولمىسۇن يېقىنقى يىللاردىن بۇيان شاھرۇھ خان كىنوچىلىق ساھەسىدىكى ئىستراتېگىيەسى ۋە تاكتىكىسىنى ئۆزگەرتىۋەتكەنلىكى، ھازىر ھەر بىر كىنو ئۈچۈن 500 مىليون رۇپىيە ۋە كىنو پايدىسىنىڭ %45نى تەلەپ قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا گەپ-سۆزلەر تارقالدى.

بۇ چولپانلار كىنودا رول ئېلىپ نۇرغۇن پۇل تاپىدۇ. دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك يەنە بىر ئىش شۇكى، ئايال چولپانلار ئۇلارغا بېرىلگەن ئىش ھەققى جەھەتتە يەنىلا ئادالەتسىزلەرچە ئارقىدا قالدى.

*بۈگۈنكى خەلق پۇلىنىڭ پېرېۋوت نىسبىتىدە ھەر 100 مىليون رۇپىيە تەخمىنەن 8837279 يۈەن خەلق پۇلىغا باراۋەر.

发布日期:
分类:تاماشا

发表评论

您的电子邮箱地址不会被公开。 必填项已用*标注