بوللىۋود كىنولىرى ئاچچىق مۇھەببەت ھېكايىلىرى ۋە ھەرىكەتلىك كۆرۈنۈشلەر بىلەن تولغان، بۇ ئامىللار تارىخىي كىنولاردا ئەكىس ئەتتۈرۈلگەندە ئۇ بىر بەلگە خاراكتېرلىك مۆجىزىگە ئايلىنىدۇ. ھىندىستان تارىخىدىكى قەدىمكى ۋەقەلەرگە ئاساسەن ئۆزگەرتىپ ئىشلەنگەن بوللىۋود كىنولىرى مول، رەڭدار ۋە كىشىنى ھاياجانغا سالىدىغان ھەرىكەتلىك كۆرۈنۈشلىرى بىلەن تاماشىبىنلارنى جەلپ قىلغان.

1. «باجىراۋ-مەستانى» (帝国双璧)
سانجاي لېلا بانسالى (Sanjay Leela Bhansali) رېژىسسورلۇق قىلغان، دېپىكا پادۇكون (Deepika Padukone)، پرىيانكا چوپرا (Priyanka Chopra) ۋە رانۋېر سىڭ (Ranveer Singh) باش رول ئالغان «باجىراۋ-مەستانى»دا داستان كەبى تارىخىي مۇھەببەت ھېكايىسى ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن، بۇ كىنو 2015-يىلى 12-ئاينىڭ 18-كۈنى قويۇلغان.
بۇ كىنو ناگنات س ئىنامدار (Nagnath S. Inamdar)نىڭ داڭلىق ماراتى تىلىدىكى «رائۇ» (Rau) ناملىق ئويدۇرما رومانىدىن ئۆزگەرتىلگەن، كىنو ۋەقەلىكى ماراتا رەھبىرى باجىراۋ ئۇنىڭ ئايالى كاشىباي ۋە ئىككىنچى ئايالى مەستانىدىن ئىبارەت ئۈچ ئاساسلىق شەخسنى چۆرىدەپ قانات يايدۇرۇلغان. كىنو قويۇلماستا ماراتا رەھبىرى باجىراۋ ۋە ئۇنىڭ ئىككىنچى ئايالى مەستانى ئوتتۇرىسىدىكى مۇھەببەت كۆرۈرمەنلەر ئارىسىدا زور تالاش-تارتىش پەيدا قىلغان، رېژىسسور ھەمدە كىنودىكى ئارتىسلار تەھدىتكە ئۇچرىغان. شۇنداق بولسىمۇ «باجىراۋ-مەستانى» قويۇلغاندىن كېيىن مۇزىكا، ھېكايە ۋەقەلىكىنىڭ ئۆزگىچىلىكى بىلەن زور ماختاشقا ئېرىشكەن.

2. «رىۋايەت» (死丘往事)
«رىۋايەت» تارىخىي ھەرىكەتلىك كىنو، 2016-يىلى 8-ئاينىڭ 12-كۈنى قويۇلغان، كىنودا ھىندىستان دەريا ۋادىسىدىكى قەدىمىي مەدەنىيەتلىك شەھەر «موھېنجو دارو» تەسۋىرلەنگەن. بۇ كىنوغا ئاشۇتوش گوۋارىكېر (Ashutosh Gowarikar) رېژىسسورلۇق قىلغان، پرېتى مامگېن (Preeti Mamgain) سېنارىيەسىنى يازغان، رىتىك روشان ۋە پۇجا ھېگدې (Pooja Hegde) باش رول ئالغان. رېژىسسور ئاشۇتوش گوۋارىكېر ئۈچ يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت سەرپ قىلىپ سېنارىيەنى رەتلەپ، كىنودىكى تۈرلۈك تەپسىلاتلارنىڭ چىنلىقىغا كاپالەتلىك قىلغان.

3. «خانىش پادماۋاتى» (印度艳后)
«خانىش پادماۋاتى» يۇقىرى بېلەت كىرىمىگە ئېرىشكەن تارىخىي كىنو، 2018-يىلى 1-ئاينىڭ 25-كۈنى قويۇلغان، داڭلىق رېژىسسور سانجاي لېلا بانسالى رېژىسسورلۇق قىلغان. بۇ بوللىۋود كىنوسى «خانىش پادماۋاتى» ناملىق داستاندىن ئۆزگەرتىپ ئىشلەنگەن. كىنودا رانۋېر سىڭ رولىنى ئالغان ﺩﯦﮭﻠﻰ ﭘﺎﺩﯨﺸﺎھىنىڭ دېپىكا پادۇكون رولىنى ئالغان خانىش پادماۋاتىنىڭ گۈزەل رۇخسارىغا مەپتۇن بولۇپ قالغانلىقىدەك ۋەقەلىك تەسۋىرلەنگەن. سانجاي لېلا بانسالى ئىشلىگەن باشقا كىنولارغا ئوخشاش، بۇ كىنومۇ قويۇلماستا غايەت زور تالاش-تارتىش پەيدا قىلغان، قويۇلغاندىن كېيىن يۇقىرى بېلەت كىرىمى يارىتىپ شۇ يىلدىكى بازارلىق كىنولارنىڭ بىرى بولۇپ قالغان.

4. «پانىپات» (帕尼帕特)
«پانىپات» ھەيران قالارلىق جەڭ كىنوسى، 2019-يىلى 12-ئاينىڭ 6-كۈنى ھىندىستاندا قويۇلغان. بۇ تارىخىي جەڭ كىنوسىدا ماراتا ئىمپېرىيەسى بىلەن ھىندىستانغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەن دۇرانى ئىمپېرىيەسى ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن 3-قېتىملىق پانىپات ئۇرۇشى تەسۋىرلەنگەن. بۇ كىنوغا ئاشۇتوش گوۋارىكېر رېژىسسورلۇق قىلغان، ئارجۇن كاپۇر، سانجاي دات ۋە كرىتى سانون باش رول ئالغان. «پانىپات» يەر شارى مىقياسىدا 1 مىليارد 549 مىليون 290 مىڭ رۇپىيە (تەخمىنەن 136 مىليون 985 مىڭ يۈەن) كىرىم قىلغان، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ھىندىستان تارىخىي كىنو ھەۋەسكارلىرىنىڭ يۈكسەك ماختىشىغا ئېرىشكەن. لېكىن كىنودا تارىخ ھەقىقىي ئەكىس ئەتتۈرۈلگەچكە ھىندىستاندىكى بېلەت كىرىمىدە ئېچىنىشلىق مەغلۇپ بولغان، كۆپلىگەن ھىندىستان تاماشىبىنلىرىنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشەلمىگەن.

5. «ھىندىستاندا ئۆتكەن ئىشلار» (印度往事)
ھەر قانداق كىنو ھەۋەسكارىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، 2001-يىلى 6-ئاينىڭ 15-كۈنى قويۇلغان قىزىقارلىق تەنتەربىيە تارىخى كىنوسى «ھىندىستاندا ئۆتكەن ئىشلار»نى كۆرۈشنى قولدىن بېرىپ قويسا بولمايدۇ. بۇ كىنو يەنە «يەر بېجى» دەپمۇ تەرجىمە قىلىنغان. «ھىندىستاندا ئۆتكەن ئىشلار»غا تارىخىي كىنو مۇتەخەسسىسى ئاشۇتوش گوۋارىكېر رېژىسسورلۇق قىلغان ۋە سېنارىيەسىنى يازغان، كىنودا ئامىر خان باش رول ئالغان، ئۇ يەنە بۇ كىنونىڭ فىلىم ئىشلىگۈچىسى.
كىنودا باۋان ئىسىملىك بىر ياش دېھقاننىڭ يۇرتداشلىرى بىلەن ھاكاۋۇر ئەنگلىيە ئوفىتسېرىنىڭ خىرىسىنى قوبۇل قىلىپ، بىر مەيدان پالاق توپ مۇسابىقىسى ئارقىلىق يۇقىرى سوممىلىق باج پۇلىنى تاپشۇرۇشتىن ساقلانماقچى بولغانلىقى تەسۋىرلەنگەن. بۇ كىنو يەنە ۋېكتورىيە دەۋرىدىكى ئەنگلىيە ھۆكۈمرانلىقىنىڭ ئىنچىكە ئەكس ئەتتۈرۈلۈشى ھېسابلىنىدۇ.

6. «جودھا-ئەكبەر» (阿克巴大帝)
«جودھا-ئەكبەر» بىر رومانتىك تارىخىي كىنو، 2008-يىلى 2-ئاينىڭ 15-كۈنى قويۇلغان. بۇ كىنوغا ئاشۇتوش گوۋارىكېر رېژىسسورلۇق قىلغان، رىتىك روشان، ئاشۋارىيا راي باچچان باش رول ئالغان. كىنودا موغۇل پادىشاھى ئەكبەر ۋە راچپۇت مەلىكىسى جودھانىڭ رومانتىك مۇھەببەت ھېكايىلىرى تەسۋىرلەنگەن. «جودھا-ئەكبەر» كۆپ تۈردە فىلىمفەر مۇكاپاتى ۋە باشقا مۇكاپاتلارغا ئېرىشىپلا قالماي، كىنودىكى ئوسكار مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن كومپوزىتور ئا ر راخمان (A. R. Rahman) ئىشلىگەن مۇزىكا ۋە ناخشىلار زور دەرىجىدە ياقتۇرۇشقا ئېرىشكەن.

7. «جانىسى خانىشى» (章西女王)
«جانىسى خانىشى» جەڭ باش تېما قىلىنغان بوللىۋود تارىخىي كىنوسى، 2019-يىلى 1-ئاينىڭ 25-كۈنى قويۇلغان. كىنو جانىسى خانىشى رانى لاكشىمى باينىڭ تۇرمۇشىغا ئاساسەن ئۆزگەرتىپ ئىشلەنگەن، كانگانا رانائۇت باش رول ئالغان.
«جانىسى خانىشى»غا رادھا كرىشنا جاگارامودى رېژىسسورلۇق قىلغان، ۋىجايېندرا پراساد سېنارىيەسىنى يازغان. كىنو ھىندى تىلى، تامىل تىلى ۋە تېلۇگۇ تىلىدىن ئىبارەت ئۈچ خىل تىلدا 50 دۆلەتتىكى 3700 كىنوخانىدا قويۇلغان، ھازىرغا قەدەر «جانىسى خانىشى» بارلىق ئاياللار باش تېما قىلىنغان كىنولار ئىچىدە تۇنجى كۈنىدىكى بېلەت كىرىمى ئەڭ يۇقىرى بولغان كىنو ھېسابلىنىدۇ.

8. «تاناجى: نامسىز قەھرىمان» (塔纳吉:无名勇士)
«تاناجى: نامسىز قەھرىمان» 2020-يىلى 1-ئاينىڭ 10-كۈنى قويۇلغان تارىخىي كىنو، ئوم رائۇت رېژىسسورلۇق قىلغان، ئاجەي دېۋگان، سەيف ئەلى خان، كاجول باش رول ئالغان. «تاناجى: نامسىز باتۇر» ھەقىقىي ئىشلاردىن ئۆزگەرتىپ ئىشلەنگەن. كىنودا 17-ئەسىردە ھىندىستان ماخاراشترا ئىشتاتىدا ياشاپ ئۆتكەن ماراتا خانلىقىنىڭ ھەربىي ئىشلار داھىيسى تاناجى مالۇسارېنىڭ ھاياتى بايان قىلىنغان.

9. «رانگون كۆۋرۈكى» (缘断仰光桥)
«رانگون كۆۋرۈكى» كەڭ ئالقىشقا ئېرىشكەن تارىخىي كىنو، 2017-يىلى 2-ئاينىڭ 24-كۈنى قويۇلغان. ۋىشال باردۋاج (Vishal Bhardwaj) رېژىسسورلۇق قىلغان، سەيف ئەلى خان، شاخىت كاپۇر، كانگانا رانائۇت باش رول ئالغان. كىنودا ئۇرۇش دەۋرىدىكى ئۈچ ياش ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتلىك مۇھەببەت ۋە كۈرەش ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن.