
3-سېنتەبىر قويۇلۇپلا قىزغىن ئالقىشقا ئېرىشكەن چوڭ تىپتىكى قەدىمكى زامان تىياتىرى «چاڭگې سەپىرى» (长歌行)دىكى يايلاق قەبىلىسىنىڭ كىچىك خاقانى (小可汗) ئاشىلاشېر (阿史勒涉儿) ئوبرازى بىلەن تونۇلغان دۆلىتىمىز تاماشا ساھەسىدىكى شىنجاڭلىق كېلىشكەن چولپان قۇددۇسجان ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىسىدا ئۆزىنىڭ تىكتاك توپ مەيدانىدىكى بىر يۈرۈش سۈرەتلىرىنى ھەمبەھىرلىدى، شۇنداقلا تورداشلارنىڭ ياخشى باھاسى ۋە ياقتۇرۇشىغا ئېرىشتى.


