جەلپكار چولپان گۈلنەزەرنىڭ ئەڭ يېڭى سۈرەتلىرى

4-سېنتەبىر كەچتە داڭلىق چولپان گۈلنەزەر ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىسىدا ئۆزىنىڭ «شادلىق لاگېرى» (快乐大本营) پىروگراممىسىغا رىياسەتچىلىك قىلغاندىكى ئەڭ يېڭى سۈرەتلىرىنى ئاشكارىلىشى بىلەن تەڭ باشقا كۆپلىگەن ئاخبارات ۋاستىلىرىمۇ ئۇنىڭ پىروگراممىدىكى ئەڭ يېڭى نەق مەيدان سۈرەتلىرىنى ئاشكارىلىدى.

گۈلنەزەر مودا كىيىنىپ، نەپىس گىرىم قىلغان، ئۇنىڭ بۇ گۈزەل ئوبرازى تورداشلارنىڭ ياقتۇرۇشىغا ۋە ياخشى باھاسىغا ئېرىشكەن.

گۈلنەزەر پىروگراممىغا رىياسەتچىلىك قىلغاندىن تارتىپ ھازىرغىچە بولغان قىسقىغىنە ۋاقىتتا پىروگراممىنىڭ ھەر بىر سانىدا ئۆزگىچە گۈزەل، مودا ئۇسلۇب بىلەن نامايان بولۇپ، ئۆزىنىڭ ئۆزگىچە گۈزەل رۇخسارى ۋە قالتىس تالانتىغا تايىنىپ تاماشىبىنلارنىڭ ھەقىقىي ياخشى باھاسى ۋە ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشتى.

بىز بۇ نازاكەتلىك، جەلپكار، ساھىبجامال چولپاننىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى سەنئەت ھاياتىغا ئۇتۇق تىلەش بىلەن بىرگە، ئۇنىڭ تېخىمۇ ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشى ئۈچۈن مەدەت تىلەيمىز.

发布日期:
分类:تاماشا

发表评论

您的电子邮箱地址不会被公开。 必填项已用*标注