«ماندالورىيانلىقلار رىۋايىتى 1-بۆلۈم» تۈگىدى، يەنە كەلسۇنمۇ؟

دىېلشىفادا قويۇلۇپ فانتازىيەلىك كىنو-فىلىم ھەۋەسكارلىرىنى پۇخادىن چىقارغان تىياتىر «ماندالورىيانلىقلار رىۋايىتى»نىڭ 1-بۆلۈمىنىڭ سەككىز قىسمى تولۇق تۈگىدى، تورداشلارنىڭ ياقتۇرۇپ كۆرگىنىگە رەھمەت ئېيتىمىز، شۇنداقلا بۇ مەزمۇننىڭ ئىنكاسى 100دىن ئاشسا 2-بۆلۈمنى ئەتىلا قويىمىز! (قانداق قىلاسىلە، ھى، ھى، ھى،)

دىېلشىفادىكى گۈل-چىراي خانىم-قىزلار ياخشىمۇسىلەر، ئوغۇللارمۇ ئوبدان تۇردۇڭلار ھەقىچان. بۈگۈن دىېلشىفا كىنوخانىسى «نۇرلىۋود»تا قويۇلغان نادىر تىياتىر «ماندالورىيانلىقلار رىۋايىتى»نىڭ بىرىنچى بۆلۈمى توغرىسىدا مۇڭداشقىلى كەلدىم. مەن بىلەن مۇڭداشماسلىققا باھانەڭلار يوقتۇ ھە؟

بۇ تىياتىرنىڭ قويۇلىدىغانلىقى توغرىسىدا دىېلشىفادا بىر نەچچە يازمىلار يوللانغان، شۇ چاغدىلا تورداشلارنىڭ بۇ تىياتىرغا بولغان تەقەززالىقىنى ھېس قىلغان ئىدۇق. بىر تورداش تېخى بۇ تىياتىرنى كۆرۈش ئۈچۈن ھېچ يەردىن تاپالمىغانلىقى، تېخى دۆلەت تىلىدىكى نۇسخىسىنىڭمۇ يوقلىقى توغرىسىدىمۇ ئىنكاس قالدۇرغان ئىكەن. بۇ تورداش كۆرەلمىدىم دەپتۇيۇ يەنە تېخى بۇ تىياتىرنى بەك ئېسىل دەپ ماختاپتۇ، ئەجەبا بۇ تورداش ۋاقىت ماشىنىسىغا ئولتۇرۇپ ھازىرغا كېلىپ «نۇرلىۋود»تا بۇ تىياتىرنى ئالدىن كۆرۈۋىلىپ قايتىپ كەتكەنمىدۇ؟ مېنىڭچە بۇ تورداش چوقۇملا «نۇرلىۋود»تا كۆرۈپ بولغان بولۇشى مۇمكىن.

كۆرۈرمەن دوستلارنىڭ بۇ نادىر تىياتىرنىڭ ھۇزۇرىنى راۋۇرۇس سۈرۈشى ئۈچۈن، دىېلشىفا ئۆزى تەرجىمە قىلىپ دىېلشىفا كىنوخانىسى «نۇرلىۋود»تا كۆرۈرمەنلەر ھۇزۇرىغا سۇندى!

تىياتىر ئىسمى: «ماندالورىيانلىقلار رىۋايىتى» (曼达洛人)

تۈرى: فانتازىيە

قويۇلغان ۋاقتى: 2019-يىلى 11-ئاينىڭ 12-كۈنى

دوۋبەندە ئېرىشكەن باھا نومۇرى: 9.2

بۇ تىياتىر ئۆز زامانىسىدا ياخشى باھالارغا ئېرىشكەن بۆلۈملۈك كىنو «پىلانېتىلار ئارا ئۇرۇش» (星球大战)نىڭ تۇغۇندى تىياتىرى، ھېكايە ۋەقەلىكى «پىلانېتىلار ئارا ئۇرۇش 3: ھالاكەتتىن قۇتۇلۇش» (星球大战3:绝地归来)نىڭ ۋەقەلىكىدىن بەش يىل كېيىن يۈز بەرگەن. تىياتىرنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى سامانيولى ئىمپېرىيەسى ھالاك بولغاندىن كېيىن، بىرىنچى بىرلەشمە ئارمىيە پەيدا بولۇشتىن ئىلگىرى يۈز بەرگەن ئىشلار بولۇپ، ئاساسلىقى سامانيولى سىستېمىسىنىڭ سىرتىدىكى بىر تەنھا ئوۋچىنىڭ ھېكايىسى بايان قىلىنغان.

مېنى بېسىپلا كۆرۈڭ

سامانيولى سىستېمىسىنىڭ چېتىدە بىر سىرلىق ئوۋچى بار، بۇ ماندالورىيانلىق كىشىنىڭ ئىسمى پېدرو، خەتەرلىك قەبىلىگە تەۋە. ئۇ يېڭىچە قورال ۋە دۇبۇلغا-ساۋۇتلارغا ئېرىشىش ئۈچۈن نامەلۇم بىر سودىگەر بىلەن سودىلىشىدۇ. سودىگەرنىڭ ئېرىشمەكچى بولغىنى 50 ياشلار چامىسىدىكى بىر مىسرو ئادىمى بولۇپ، سودىگەر بۇ ئوۋچىغا مىسرو ئادىمى توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارنىڭ چەكلىك ئىكەنلىكىنى، پەقەت ئەڭ ئاخىرقى قېتىم پەيدا بولغان ئورنىنى ھەمدە 50 ياشلار چامىسىدا ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ، مىسرو ئادىمىنى چوقۇم ھايات ئېلىپ كېلىشنى، ئاچ قويماسلىقىنى، يولدا كەلگىچە تاماق ئېتىپ بىرەلمىسىمۇ تەييار چۆپ بولسىمۇ بېرىپ ھايات، ساق-سالامەت تۇتۇپ كېلىشنى ئالاھىدە تاپىلايدۇ.

ماندالورىيانلىق ئوۋچى بۇ 50 ياشلىق كىشىنى ئورۇن بەلگىلەش ئەسۋابىنىڭ ياردىمىدە بىر KTVدىن تاپىدۇ، ھەي 50 ياشقا كىرىپ قالغاندا KTVدا بۇ قېرىغا نېمە بار دەيمەن، ئەجەبا KTVغا قىزىنى ئىزدەپ كەلگەنمىدۇ؟ ئادەملىرىڭنى چۈشەنمەك ياپونچىنى چۈشەنمەكتىنمۇ تەسكەن دۇنيا...

مىسرو ئادىمى ماندالورىيانلىققا نۇرغۇن مال-دۇنيا بېرىدىغانلىقىنى دېگەن بولسىمۇ ماندالورىيانلىق پىسەنتمۇ قىلمايدۇ. ئەسلىدە مىسرو ئادىمى ماندالورىيانلىققا: «سېنى كۈيئوغۇل قىلىۋالاي» دېگەن بولسا ئۇزۇن مۇددەت ماڭا ئوخشاش بويتاق يۈرۈپ كەتكەن ماندالورىيانلىققا موككىدە خوش ياقار بولغىيدى... تولىمۇ ئەپسۇس بۇ قېرى «قوناق تاپساڭ غازغا بەر، قىزىڭ چوڭ بولسا تازغا» دېگەننى بىلمەيدىغان چېغى.

ماندالورىيانلىق KTVگە بارغاندىن كېيىن سودىگەر ئېرىشمەكچى بولغان نەرسىنىڭ بىر بوۋاق چوڭلىقىدەك جانۋار ئىكەنلىكىنى بايقايدۇ. شۇنىڭ بىلەن ماندالورىيانلىق بۇ جانۋارنى ساق-سالامەت ھالدا سودىگەرگە تاپشۇرۇپ ئۆزى ئېرىشمەكچى بولغان قورال ۋە دۇبۇلغا-ساۋۇتلارغا ئېرىشىدۇ.

مېنى بېسىپلا كۆرۈڭ

شۇ ئىشتىن كېيىن ماندالورىيانلىق توساتتىنلا ھېلىقى بوۋاقچىلىك جانۋارنى قۇتۇلدۇرماقچى بولىدۇ، قۇتۇلدۇرىمەن دەپ نۇرغۇن جاپا-مۇشەققەتلەرنى تارتىدۇ. جاندىن كەچمەي تۇرۇپ جانانغا يەتكىلى بولمايدۇ ئەلۋەتتە، كۈنلەرنىڭ بىرىدە بۇ بوۋاقتا نامەلۇم بىر كۈچنىڭ سىماسى نامايان بولىدۇ.

مېنى بېسىپلا كۆرۈڭ

ماندالورىيانلىقلار ۋە باشقىلار ئۆزلىرىنىڭ ئامانلىقى ئۈچۈن بۇ بوۋاقنىڭ كىملىكىنى بىلىشى كېرەك. ئۇنداقتا بۇ زادى كىم؟ كېيىنچە ماندالورىيانلىقلارغا دۈشمەن بولۇپ قالارمۇ؟ ھېلىقى 50 ياشلىق مىسرو ئادىمىنىڭ قىزى بارمۇ يوقمۇ؟ ئۇنى مەن ئۇقمىدىم، ناۋادا قىزى بولۇپ قالسا ماندالورىيانلىق بىلەن توي قىلىشقا قوشۇلارمۇ؟ توي قىلىشقا قوشۇلۇپ قالسا بۇلارنىڭ مۇھەببىتىنىڭ مېۋىسى بولغان ئوغلى تۇغۇلغاندا ئۇنىڭ تىلى «دادا» دەپ چىقارمۇ ياكى «ئاپا» دەپ چىقارمۇ؟ مېنىڭچە «نۇرلىۋود» دەپ تىلى چىقارمىكىن...

发布日期:
分类:تاماشا

发表评论

您的电子邮箱地址不会被公开。 必填项已用*标注