
سەنۇبەر تۇرسۇن (塞努拜尔·吐尔逊) خانىم 1970-يىلى غۇلجا شەھىرىنىڭ ئالتەشەھەر مەھەللىسىدە سەنئەتكار ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، دادىسى تۇرسۇن مۇھەممەت غۇلجا ناھىيەلىك سەنئەت ئۆمىكىنىڭ غوللۇق مۇزىكانتى ئىدى، دادىسىنىڭ تەسىرىدە بۇ ئائىلىدىكى 10 بالىنىڭ ئالتىسى سەنئەتكار بولۇپ يېتىلگەن، شۇ ئالتە بالا ئىچىدىكى بىرسى دەل سەنۇبەر تۇرسۇن ئىدى. سەنۇبەر تۇرسۇن باشلانغۇچ، ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئوقۇۋاتقان چاغلىرىدىلا ئائىلىسىدىكى قويۇق مۇزىكا مۇھىتىنىڭ تەسىرىدە پۈتۈن ئىشتىياقى بىلەن خەلق سەنئىتى ۋە خەلق ناخشىلىرىنى قېتىرقىنىپ ئۆگەنگەن، شۇنداقلا تۈرلۈك سەنئەت پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىپ «كىچىك ناخشىچى» دەپ نام ئالغان.

سەنۇبەر تۇرسۇن 1990-يىلى مەملىكەتلىك ياش-ئۆسمۈرلەر مىللىي مۇزىكا مۇسابىقىسىگە قاتنىشىپ دۇتار چېلىپ ناخشا ئورۇنداشتا ئىككىنچىلىككە ئېرىشكەن ۋە شىنجاڭ سەنئەت شۆيۈەنىگە قوبۇل قىلىنغان. ئوقۇش تاماملانغاندىن كېيىن، مەكتەپ رەھبەرلىرىنىڭ تونۇشتۇرۇشى بىلەن «1-ئاۋغۇست پولات-تۆمۈر سەنئەت ئۆمىكى»گە تەقسىم قىلىنغان، ئارىدىن بەش يىل ئۆتكەندىن كېيىن مۇقام ئانسامبىلىغا يۆتكەلگەن. ئۇ شىنجاڭ سەنئەت شۆيۈەنىدە ئوقۇۋاتقان مەزگىلدە ۋە خىزمەتكە قاتناشقاندىن كېيىن ئۆزىنىڭ دۇتار چېلىپ ناخشا ئېيتالايدىغان ھەم ناخشا ئىجادىيىتى بىلەنمۇ شۇغۇللىنالايدىغان كۆپ قىرلىق تالانتىنى نامايان قىلىپ ياخشى نەتىجىلەرگە ئېرىشكەن.
سەنۇبەر تۇرسۇن 1993-يىلىدىن ھازىرغىچە 10 ناخشا پىلاستىنكىسى چىقارغان، 90گە يېقىن ناخشا ئىجاد قىلغان. ئۇ ئورۇندىغان ناخشىلار ئۆزگىچە سېھرىي كۈچكە ئىگە، ئىزچىل تۈردە كۆپلىگەن كىشىلەرنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشىپ كەلگەن. 2013-يىلى ناخشا پىلاستىنكىسى «ئارزۇ»نى تارقىتىپ «ناخشا خانىشى» دېگەن شەرەپلىك نامغا ئېرىشكەن.

2015-يىلى سەنۇبەر تۇرسۇن ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر شاڭخەي دۇنيا مۇزىكا بايرىمىغا قاتنىشىپ چىن قەلبىدىن ئۇرغۇپ چىققان يېقىملىق ناخشا-مۇزىكىلىرىنى ئورۇنداپ تاماشىبىنلارنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشكەن.

سەنۇبەر تۇرسۇن ئورۇنداپ كېلىۋاتقان خەلق مۇزىكىلىرىنىڭ تۈرى مول، بۇنىڭ ئىچىدە ئىلى رايونىدا ئاھاڭى، مەزمۇنى ئۆزگىچە رايون مۇزىكىسى شەكىللەنگەن، ئورۇندالغاندا كىشىگە بىر خىل مەنىۋى ھۇزۇر بېغىشلايدۇ.

سەنۇبەر تۇرسۇن ۋە ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ جۇشقۇن، يېقىملىق ئاۋازى بىلەن ئورۇنلىغان مۇقاملارمۇ كىشىگە ئۆزگىچە مەنىۋىي زوق ئاتا قىلىدۇ.


تۆۋەندە بۇلبۇلدەك يېقىملىق ئاۋازى بىلەن كىشىلەرگە مەنىۋى زوق بېغىشلاپ كېلىۋاتقان ئاتاقلىق ناخشىچى سەنۇبەر تۇرسۇننىڭ سۈرەتلىرىنى كۆرۈپ ئۆتەيلى:


















