تۈنۈگۈن چۈشتە بىر ئەر خىزمەتدىشىمىز يانفونىنى ئىشخانىسىغا قويۇپ قويۇپلا سىرتقا چىقىپ كەتكەنىدى. ئۇنىڭ ئايالى چۈشلۈك ئارام ۋاقتىدا ئۇنىڭغا توختىماي تېلېفون قىلىشقا باشلىدى.
چۈشلۈك ئارام ئېلىۋاتقان بىر ئايال خىزمەتچى يانفوننىڭ تولا سايرىشىدىن بىزار بولۇپ، يانفوننى ئېلىپلا:
-بىز ئۇخلاۋاتىمىز، تولا تېلېفون قىلىپ زېرىكمىدىڭىزمۇ؟-دېدى.
نەتىجىدە ئۇ ئەر خىزمەتدىشىم تۈنۈگۈندىن باشلاپ تاكى ھازىرغىچە ئىشقا كەلمىدى!
2
بىر بالا ئاپىسىدىن: ئاپا ئەينى يىلى نېمىشقا دادامغا ياتلىق بولغانىدىڭ؟
ئاپىسى: ئەينى يىلى كۆزۈم كور بولۇپ قالغاچقا، داداڭغا ياتلىق بولغان!
بالا يەنە دادىسىدىن: دادا ئائىلىمىز نېمانچە نامرات؟
دادىسى: بىزنىڭ ئۆيدىكى پۇلنىڭ ھەممىسىنى ئاپاڭنىڭ كۆزىنى داۋالىتىشقا ئىشلىتىپ تۈگەتكەن.
3
بىر ئەر بانكىغا بېرىپ ئىش بېجىرمەكچى بولۇپ، ماشىنىسى يول بويىدا توختىتىشقا مەجبۇر بولۇپ قاپتۇ. ئۇ قاتناش ساقچىسىنىڭ كېلىپ جەرىمانە قويۇشىدىن قورقۇپ دوستىنى ماشىنىدا قالدۇرۇپ ئۇنى ماشىنىغا قاراپ قويۇشقا تاپىلاپتۇ.
ئۇ بانكىغا كىرىشتىن بۇرۇن دوستىغا:
- ساقچى كېلىپ قالسا ئۇنۇتماي كىرىپ ماڭا دەپ قويغىن،-دەپتۇ.
ئەر بانكىغا كىرىپ كېتىپ نەچچە مىنۇت بولا-بولمايلا دېگەندەك ساقىچىلار كېلىپ قاپتۇ. ھېلىقى دوستى بۇنى كۆرۈپ ھودۇققىنىچە بانكىغا كىرىپ، ئالدىراپ-تېنەپ يۇقىرى ئاۋازدا:
-ئاداش ساقچى كەلدى، تېز بول، قاچايلى،-دەپتۇ.
چوڭ زالدىكى ئىش بېجىرىمەكچى بولۇپ نۆۋەت كۆتۈپ تۇرغان ئون نەچچە ئادەم نېمە قىلىشىنى بىلمەي بىردەم تۇرىۋەتكەندىن كېيىن قورققىنىدىن كەلكۈندەك باستۇرغىنىچە بانكىدىن ئېتىلىپ چىقىشقا باشلاپتۇ، ئارقىدىنلا بەش-ئالتە ئامانلىق ساقلىغۇچى ئۇنىڭ دوستىنى يەرگە بېسىۋاپتۇ.
ئۇف…ئەمدى قانداق قىلغۇلۇق… كونىلار بىكارغا دېمەپتىكەن: «كۈچتۈڭگۈر رەقىبتىن قورقماي، چوشقىغا ئوخشاش سەپداشتىن قورق.»
4
ھازىر باشلانغۇچ مەكتەپ تىل ـ ئەدەبىياتى بەكلا تەسلىشىپ كېتىپتۇ. ئۇلارنىڭ بىر تاپشۇرۇق سوئالىغا قاراڭ:
تەلەپ: تۆۋەندىكى تۆت جۈملىنى باغلىغۇچى سۆز بىلەن ئۇلاپ جۈملە تۈزۈڭ:
(1) لى ھەدە پالەچ بولۇپ قالدى؛
(2) لى ھەدە قەيسەرلىك بىلەن ئۆگەندى.
(3) لى ھەدە كۆپ خىل چەت ئەل تىلىنى ئۆگىنىۋالدى؛
(4) لى ھەدە يىڭنە سانجىپ داۋالاشنى ئۆگىنىۋالدى.
(توغرا جاۋابى مۇنداق بولۇشى كېرەك: لى ئاچام پالەچ بولۇپ قالغان بولسىمۇ، قەيسەرلىك بىلەن ئۆگىنىپ، كۆپ خىل چەت ئەل تىلىنى ئۆگىنىپلا قالماي، بەلكى يەنە يىڭنە سانجىپ داۋالاشنىمۇ ئۆگىنىۋالدى).
نەتىجىدە بىر بالا مۇنداق دەپ يازدى: «گەرچە لى ھەدە قەيسەرلىك بىلەن يىڭنە سانجىپ داۋالاش ۋە كۆپ خىل چەت ئەل تىلىنى ئۆگەنگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇ يەنىلا پالەچ بولۇپ قالدى.»
كېيىن، تېخىمۇ ئەقىللىق بىر بالىنىڭ مۇنداق دەپ يازغانلىقىنى بايقىدىم: «لى ئاچام چەت ئەل تىلىنى ئۆگىنىپلا قالماي، يەنە يىڭنە سانجىپ داۋالاشنىمۇ ئۆگىنىۋالدى، ئۇ شۇنچە قەيسەرلىك بىلەن ئۆگىنىپ، ئاخىرى پالەچ بولۇپ قالدى.»
«لى ئاچام شۇنىڭ ئۈچۈن پالەچ بولۇپ قالدىكى، قەيسەرلىك بىلەن ئۆگىنىپ، نۇرغۇن چەتەل تىلىنى ئۆگىنىپلا قالماي، ھەتتا يىڭنە سانجىپ داۋالاشنىمۇ ئۆگىنىۋالدى.»
«لى ھەدە شۇنچە قەيسەرلىك بىلەن ئۆگىنىپ، نۇرغۇن چەت ئەل تىلى ۋە يىڭنە سانجىپ داۋالاشنى ئۆگىنىپلا قالماي، ئاخىرىدا يەنە پالەچ ھالەتكە چۈشۈپ قالدى.»
«لى ھەدە نۇرغۇن چەتئەل تىلىنى ئۆگىنىۋالدى، يىڭنە سانجىپ داۋالاشنىمۇ ئۆگىنىۋالدى، يەنە قەيسەرلىك بىلەن پالەچ ھالەتكە چۈشۈپ قالدى.»
يارقىن نۇقتا ھامان ئەڭ ئاخىرىدا: «لى ھەدە قەيسەرلىك بىلەن ئۆگىنىش ئارقىلىق، نۇرغۇن چەت ئەل تىلى ۋە يىڭنە سانجىپ داۋالاشنى ئۆگىنىۋالدى، نەتىجىدە بىر پارچە چەتئەل يېزىقىدىكى يىڭنە سانجىپ داۋالاش كىتابى بويىچە ئۆزىنى پالەچ ھالغا چۈشۈرۈپ قويدى!»
5
خوتۇنۇمغا پاختىلىق ئۇخلاش كىيىمى ئېلىپ بەردىم، مامۇقتەك يۇمشاق بۇ ئىچ كىيىم ئۇنىڭغا بەكلا ياراشقانىدى. ئۇ مېنى كۆزىڭىز مال تونۇيدۇ دەپ ماختاپ كەتتى، يەنە مەندىن نېمىشقا ئۇنىڭغا نەرسە ئېلىپ بېرىشنى ئويلاپ قالدىڭىز دەپ سورىدى، مەن قالايمىقان باھانە تېپىپ ئەپلەپ ـ سەپلەپ كۆز بوياپ ئۆتۈپ كەتتىم.
كەچتە مەن ئايالىمنىڭ ئۈستىدىكى مامۇقتەك ئۇخلاش كىيىمىنى يېنىك سىيلاپ، ئۆزۈمنى تۇتۇۋالالماي ئۇنىڭغا ئېسىلدىم. نەتىجىدە چاڭڭىدە تەگكەن بىر ئاۋاز بىلەن سەنتۈرۈلۈپ كەتتىم.
شۇنداق قىلىپ ئايالىم ماڭا ئائىلە زوراۋانلىقىنىڭ نېمىلىكىنى كۆرسىتىپ قويدى.
6
بىر خىزمەتدىشىم ئەمدىلا شوپۇرلۇق كىنىشكىسىنى ئېلىپ يېڭىدىن بىر ماشىنا سېتىۋالدى، ئۇ مېنى ئايلاندۇرۇپ كېلىمەن دەپ تۇرۇۋالدى، ماشىنىنىڭ ئېسىللىقىنى ھەقىقەتەن بىر ئېغىز سۆز بىلەن ئىپادىلىگىلى بولمايتتى.
تۈپتۈز كەتكەن چوڭ يولدىكى يېپيېڭى پىكاپ، خۇددى مەست بولۇپ قالغاندەك، غۇيۇلداپ كېتىپ باراتتى، ئۇ يەنە كۆرەڭلىگەن ھالدا مەندىن ماشىنىنى قانداق ھەيدىگەنلىكىنى سورىدى، مەن بۇ قېتىم ئۇنىڭغا نېمە دەپ جاۋاب بېرىشىنى بىلەلمەي ئاخىرىدا: «خېلى سەۋىيەلىك ھەيدىدىڭىز، ماشىنىدا ئولتۇرۇپ يايلاقتا ئات مىنگەندەك تۇيغۇغا كېلىپ قالدىم، نېمە دېگەن گۈزەل» دېدىم.
7
خوتۇنۇم بىلەن ئۆلگەنلەرنى يوقلىغىلى ئالدىراپ-تېنەپ مېڭىپ كۆيدۈرىدىغان قەغەز پۇل ئېلىۋېلىشىنى ئۇنتۇپ قاپتۇق. شۇنىڭ بىلەن ئامالسىز خوتۇنۇمنى قەغەز پۇل سېتىۋېلىشقا بۇيرۇدۇم.
خوتۇنۇم كەتكەندىن كېيىن، ئۆزۈم يالغۇز ئولتۇرۇپ تاماكا چەكتىم. شۇ پەيىتتە بىر جۈپ ئاشىق-مەشۇقلا كېلىپ قالدى.
ئۇلار ماڭا قىزىقسىنىپ قاراپ:
-ئاكا بۇ يەردە ئەجەب يالغۇز ئولتۇرۇپ كېتىپسىزغۇ،-دەپ سورىدى.
مەن ئانچىكى ئويلانمايلا:
-ئايالىم مەن ئۈچۈن قەغەز پۇل سېتىۋېلىشقا كەتكەنىدى، شۇنى ساقلاۋاتىمەن.-دېدىم.
سۆزۈمنى ئاڭلاپ قورقۇپ كەتكەن ھېلىقى يىگىت تۇيۇقسىزلا ئالدى-ئارقىسىغا قارماي پەرتتىدە قىلغانچە قېچىپ كەتتى.
8
ئاغىنەمنىڭ ئوغلى تولۇق ئوتتۇرىغا چىققاندىن كېيىن، زادىلا ئوقۇشقا قىزىقماي ئۇنى تىرىكتۈرۈپ قويغانىدى.
ئۇ ماڭا: «بۇ بالا بەك ھورۇن، ئازىراقمۇ ئالغا ئىنتىلىش روھى يوق» دېدى.
تەتىلگە قويۇپ بەرگەن پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، ئاغىنەم ئوغلىنى يېزىدىكى بوۋا-مومىسىنىڭ ئۆيىگە يولغا سەپ قويدى. ئۇنىڭ مەقسىتى ئوغلىنى يېزىدا تۇرۇپ، بوۋا-مومىسىغا ياردەملىشىپ ئېتىز ئىشلىرىنى قىلىپ، يەر تېزىپ، ئوت-چۆپ ئورۇپ، مال-چارۋىلارغا قاراپ ئازىراق بولسىمۇ جاپانى ھېس قىلىپ ئوقۇشنىڭ مۇھىملىقىنى ھېس قىلدۇرۇش ئىدى.
نەتىجىدە بىر ھەپتە ئۆتكەندىن كېيىن ئوغلىدىن تېلېفون كەلدى. ئوغلى دادىسىغا:
-دادا، يېزا تۇرمۇشى بەك ياخشىكەن، مەن ئەمدى قايتمايمەن، مەندىن خاتىرجەم بولغىن، ئەمدى ئوقۇپ ۋاقىت ئىسراپ قىلغۇم يوق.-دېدى.
9
بەش مىليون يۈەنگە ئېرىشكىنىم راست ئىدى، مەن لاتارىيە بېلىتىنى لاتارىيە بېلىتى سېتىش مەركىزىدىكى خىزمەتچىلەرگە سۇنغىنىمدا، كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى ھەۋەس بىلەن قارىدى.
مەن يەنە ئىككىنچى پارچىسىنى چىقاردىم. يەنىلا بەش مىليون، كۆپچىلىك قاراپ تۇرۇپلا قالدى.
مەن يەنە ئۈچىنچى پارچىسىنى چىقارغاندا ھەممە يەر جىمجىتلىققا چۆكۈپ، ھەممەيلەن ئېغىزىنى ئېچىپ قالغانىدى.
تۆتىنچى ۋاراقنى ئالاي دەپ تۇرۇشۇمغا، خوتۇنۇم مېنى بىرنى تەپكەنچە ئويغىتىۋەتتى.
-بەك خۇشالغۇ سەن، قارىغاندا يەنە خوتۇن ئېلىپ چۈش كۆرۈۋاتقان ئوخشىمامسەن؟
جىدەل خېلىغىچە بېسىقمىدى. ھېلىقى لاتارىيە بېلىتىمۇ شۇنىڭ بىلەن يوق بولدى.
10
خوتۇنى: ئېرىم، ئەگەر بىرەرسى 10 مىليونغا مېنى سېتىۋالماقچى بولسا، مېنى ساتامسىز، ساتمامسىز؟
ئېرى: ئەلۋەتتە ساتمايمەن!
خوتۇنى خۇشاللىقىدىن ئۆزىنى باسالماي ئېرىنى نەچچىنى سۆيۈپ كەتتى.
خوتۇنى: نېمىشقا؟
ئېرى خوتۇنىغا قاراپ قويۇپ، بىزارلىق بىلەن: «سەن يا 10 مىليونغا يارىمىساڭ، بۇنداق ئىنساپسىزلىق بىلەن كەلگەن پۇلنى قانداقمۇ ئالالايمەن.»
ئايالى: ئا……
11
بۈگۈن ئەتىگەن 50 نەچچە ياشلىق بىر موماي مەندىن «قەيەردە لەۋھە ياسايدۇ؟» دەپ سورىدى. ئۇ پار بىلەن تەمىنلەش شىركىتىگە لەۋھە سوۋغا قىلماقچى ئىدى. لەۋھە مەزمۇنى مۇنداق ئىدى: «پاردا ئىللىقلىققا ئېرىشەلمىگەن قەلب يوتقاندا ئىللىقلىققا ئېرىشتى.»
مەن بەك ھەيران قالدىم «نېمىشقا قېرىشقاندەك بۇ خەتنى كەشتىلەيسىز» دەپ سورىدىم.
موماي: «سىز بىلمەيسىز، مەن ئېرىم بىلەن ئايرىلىپ كەتكىلى خېلى يىللار بولدى» دېدى. ئەر-خوتۇن ئىككى ئېغىز ئۆيدە ئايرىم-ئايرىم تۇراتتى. ئاخىرى بىر كۈنى موماي ئېرى بىلەن بولغان مۇھەببەتنى ئۈزۈل-كېسىل ۋەيران بولدى دەپ قارىغان چاغدا يېرىم كېچىدە ئېرى يوتقىنىنى قۇچاقلاپ كىرىپ:
پۈتۈن بەدىنى مۇزلاپ تىتىرىگىنىچە مومايغا: «بەك مۇزلاپ كەتتىم، نېمە دېگەن سوغۇق. ئىككىيلەن قۇچاقلىشىپ ياتسا ئىسسىقراق بولىدىكەن، پەقەت چىدىيالمىدىم. بۇ ئۆي نېمانچە سوغۇق!»
موماي: «بۇ پار بىلەن تەمىنلەشنىڭ تۆھپىسى بولمىغان بولسا، ئۇ قېرى ئەبلەخ يەنە مەن بىلەن ئايرىلىپ تۇراتتى! سىزنىڭچە مەن پار بىلەن تەمىنلەش شىركىتىگە رەھمەت ئېيتىشىم كېرەكمۇ قانداق!»
مەن: «سىز ئۇلارنىڭ ئاتا-بوۋىلىرىغىمۇ رەھمەت ئېيتمىسىڭىز بولمىغۇدەك!»
12
تۈنۈگۈن قاتتىق قار ياغقانىدى، ئاپتوبۇسقا بىر ئايال چىقتى، ئۇ ناھايىتى يالاڭ كىيىنىۋالغان بولۇپ، توڭلىغىنىدىن تىترەپ كەتكەندەك قىلاتتى.
ئۇ ئايال ماشىنىغا چىقىپلا: «ماشىنىنىڭ ئىچى ھەقىقەتەن ئىسسىق ئىكەن، يوتقانغا ئوخشاش!» دېدى.
بۇ چاغدا ياندىكى بىر چوڭ ئانا يۇمۇرلۇق قىلىپ: «ئۆيىڭىزدىكى يوتقاننىڭ ئىچىدە شۇنچە كۆپ ئادەم بار ئىكەندە؟» دېدى.
پۈتۈن ماشىنىدىكىلەر كۈلۈشكىنىچە ئاپتوبۇسنى ئۆرە-تۆپە قىلىۋەتتى.
13
خوتۇنى يۇيۇنۇپ بولۇپ ئېرىگە ئەركىلەپ تۇرۇپ: «ئېرىم، مېنى كۆتۈرۈپ كارىۋاتقا ئېلىپ چىقىڭ.»
ئېرى خوتۇنىغا قاراپ قويۇپ، سوغۇق جاۋاب بېرىپ: «مەن يەنىلا كارىۋاتنى يۆتكەپ كېلەي!» دېدى.
14
ئېرى ئۆيىگە قايتىپ كېلىپ ئايالىنىڭ بالىسىنى ھەدەپ ئۇرۇۋاتقىنى كۆرۈپ، مۇنداقلا قاراپ قويۇپ، كارى بولماي ئاشخانىغا كىرىپ كەتتى. ئوچاقتا بىر قازان چۆچۈرە قايناۋاتقانىدى. ئەر چۆچۈرىدىن چىنىگە ئوسۇپ بىر قاچا يېدى.
خوتۇنى بىر مۇنچە چېچىلىغىنىچە بالىغا تەربىيە قىلىپ ئاندىن ئېرىنىڭ يېنىغا كىرىپ: «بىر ئوبدان چۆچۈرىنى، كىم ئويلىغان بۇ بەغەرەز بۇزۇپتۇ. مەن قانچە جاپادا ئەتتىم دېمەيسىز، سىزنىڭ ئاچچىقىڭىز كېلەمدۇ يوق، بۇ بەغەرەز قاراپ تۇرۇپ بىر قازان چۆچۈرىگە سىيىپ قويۇپتۇ.»
ئېرى بۇ گەپنى ئاڭلىغاندىن كېيىن دەرھال: «خوتۇن بىردەم ئارام ئېلىۋېلىڭ، ئەمدى مەن ئۇراي.»
15
بايا بىرەيلەن ئىشىكنى چەكتى، مەن ئىشىكنى ئېچىپ قارىسام بوسوغىدا تاماق توشۇيدىغان بىر يىگىت دۈملەپ قويغان نۇرغۇن قىسقۇچپاقىلارنى كۆتۈرۈپ ئىشىك سىرتىدا تۇرۇپتۇ.
مەن: «مەن سىرتتىن تاماق بۇيرۇتمىدىم، سىز چوقۇم خاتالاشتىڭىز» دېدىم.
تاماق توشۇغۇچى يىگىت: «بىلىمەن. بۇ دوستىڭىزنىڭ تامىقى، ئۇ بۇنى سىزگە كۆرسىتىپ قويۇشۇمنى ئېيتقانىدى. بۇ ئۇنىڭ كەچتە يەيدىغان ئېسىل تامىقى ھېسابلىنىدىكەن. ئۇنىڭ ئۆيىدە تۇيۇقسىز توك توختاپ قالغاچقا، كەچتە بۇنى چەمبىرەككە چىقىرىشقا ئامالسىز قاپتۇ، شۇڭا سىلەرنىڭ كۆرەلمەي قېلىشىڭلاردىن ئەنسىرەپ، مېنى كۆرسىتىپ قويۇشقا بۇيرىغان. تېزىراق كۆرۈڭ، مەن يەنە ئون نەچچە ئۆيگە بېرىشىم كېرەك.»
مەن ھاڭۋاققىنىمچە تۇرۇپ قالدىم.
شۇنداق، تۇرمۇش ھەقىقەتەن دوستلار چەمبىرىكىدىن ئايرىلالمايتتى.