
بۈگۈن كوچا ئاپتوبۇستا بىر دەھشەت چىرايلىق قىز بىلەن يانمۇيان ئولتۇرۇپ قالدىم. ئاخىرى غەيرەتكە كېلىپ قىزغا گەپ قىلدىم:
-ياخشىمۇسىز، تونۇشۇپ قالساق بولامدۇ؟
قىز كۈلۈپ تۇرۇپ:
-چاتاق يوق،-دېدى. ئىككىيلەن پاراڭلىشىپ ماڭدۇق. مەن يەنە بىر غەيرەتكە كېلىپ:
-سىزنى تاماققا تەكلىپ قىلسام بولامدۇ؟-دېدىم. قىز:
-ھا ھا ھا، تۇنجى تونۇشۇپلا تاماق يەمدۇق، مۇنداق بولسۇن، كېلەركى قېتىم يەنە ئۇچرىشىپ قالساق، سىزنىڭ تەكلىپىڭىزنى قوبۇل قىلىمەن!
مەن دەرھال بىر ئىشنى ئويلىدىم-دە:
-ماقۇلە، ئەمسە كېلەركى قېتىم ئۇچرىشىپ قالساق، چوقۇم تاماققا بىللە بارىمىز، ماقۇلمۇ؟
قىز كۈلۈمسىرىدى.
مەن قىز بىلەن خوشلىشىپ بۇ بېكەتتە چۈشۈپ قالدىم. ئاندىن بوراندەك يۈگۈرۈپ، كىيىنكى بېكەتكە ئاپتوبۇستىن بۇرۇن باردىم. ئاپتوبۇس كەلدى، مەن ئاپتوبۇسقا چىقىپ قىزنىڭ يېنىغا كەلدىم:
-ھوي ياخشىمۇسىز، كېلەر قېتىم كۆرۈشكەندە تاماققا چىقىمەن دېگەن، مانا بىز كىيىنكى قېتىم كۆرۈشتۇق،-دېدىم.
قىز «ھا ھا ھا، ۋاي سىز نېمانداق ئەقىللىك» دەپ كۈلۈپ كەتتى-دە، يانفونىنى ئېلىپ ساقچىغا:
-ئېگىز بىر دارازا مېنىڭ كەينىمگە كىرىۋالدى،-دەپ مەلۇم قىلدى.
ئاھ...بۇ كىنودىكى رومانتىك ئۇچرىشىشلارغا ئوخشىماي قالدىغۇ؟