تويدىن بۇرۇنقى ئىشلار (يۇمۇر)

تۈنۈگۈن يولدا كېتىۋاتسام يوغان بېلىقتىن بىرسى تۇرىدۇ، ئالايمۇ ياكى ئالمايمۇ، دەپ ئىككىلىنىپ تۇرۇپ قولۇمغا ئېلىپ قارىسام تىرىك بېلىقكەن، شۇنىڭ بىلەن «ئۆيگە ئاپىرىپ مايدا پىشۇرۇپ يېسەم چوقۇم پەيزى بولىدۇ» دەپ ئويلىدىم.

لېكىن ئويلاپ باقسام، بېلىق بولغىنى بىلەن ئۇنى پىشۇرۇشقا ماي بولۇشى كېرەككەن، ئاشخانا بولۇشى كېرەككەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ بېلىقنى پىشۇرىدىغان خوتۇنۇم بولۇشى كېرەككەن...

خوتۇن ئالىمەن دېسەم چوقۇم ئۇ خېنىمنىڭ «ئۆيىڭىز بارمۇ؟ ماشىنىڭىز بارمۇ؟ پۇلىڭىز بارمۇ ؟ بانكىدا قانچىلىك پۇلىڭىز بار؟» دېگەندەك بىرمۇنچە شەرتلىرى، توي سېلىقلىرى بار. ئويلاپ مۇشۇ يەرگە كەلگەندە بەدەنلىرىم تىكەنلىشىپ كەتتى، نېمە دېگەن قورقۇنچلۇق، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھازىر ئۆي باھاسى بەك ئۆرلەپ كەتكەن تۇرسا، مېنىڭچە بۇ چوقۇم بىر ئۆي مۈلۈك سودىگىرىنىڭ قىلتىقى. مەن ئەخمەق ئەمەس ئۇلارغا ئالدىنىدىغانغا، شۇلارنى ئويلاپ قۇلۇمدىكى بېلىقنى دەرھال يەرگە تاشلىۋەتتىم...

بىر جۈپ ئەر خوتۇن يىراق جايغا سەپەرگە چىقىپتۇ، يېرىم يولدا ماشىنا تۇيۇقسىز بۇزۇلۇپ قىلىپ پەقەتلا ماڭماپتۇ. ئېرى ماشىنىدىن چۈشۈپ يېرىم كۈن ھەپىلەشكەن بولسىمۇ ماشىنا ئوڭشالماپتۇ، ياندا قاراپ تۇرغان ئايالى ئېرىنىڭ شۇنچە جاپا تارتىپ قىينىلىپ يۈرۈپمۇ ماشىنىنى ئوڭشىيالمايمايۋاتقانلىقىغا قاراپ:

-ۋاي بولدى! ئاۋارە بولماڭە، ھازىر كەچ بولۇپ كەتتى، يېقىن ئەتراپتىكى ياتاقتا بىر كېچە قونۇپ چىقساق ئەتىسى ئۆزلۈكىدىن ئوڭشىلىپ قالاتتى، بۇرۇنمۇ ماشىنىڭىز بۇزۇلۇپ قالسا، بىر كىچە ياتاقتا قونۇپ چىقساقلا ئەتىسى ئۆزلۈكىدىن ئوڭشىلىپ قالاتتىغۇ؟-دېسە، ئېرى جاۋاب قايتۇرۇپتۇ: -ۋاي خوتۇن، ئۇ دېگەن ئىككىمىز توي قىلىشتىن بۇرۇنقى ئىشلار، بۇ قېتىم ماشىنا راست بۇزۇلۇپتۇ!

مۇشۇ يېقىندا تور ئويۇنلىرىغا بەك بېرىلىپ كېتىپ، قىز دوستۇمغا پەقەت كۆيۈنەلمىدىم. دائىم ئۇنىڭغا سوغۇق مۇئامىلە قىلىپ قالدىم، بۇنىڭغا بىر خىل ئۆكۈنىمەن ھەم ئازابلىنىمەن.

شۇڭا ئۆزۈمدىن كىچىك ئىنىلىرىمغا دەيدىغىنىم، ھەرگىز قىز دوست تۇتماڭلار، مۇھەببەتلەشمەڭلار! بولمىسا ئويۇننىمۇ خاتىرجەم ئوينىيالمايسىلەر مۇشۇنداق...

发布日期:
分类:يۇمۇر

发表评论

您的电子邮箱地址不会被公开。 必填项已用*标注